مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبى سېتىلىدۇ

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر قىسىم دوستلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبىنى سېتىش قارارىغا كەلدىم . بۇ ئۇسلۇب بىر يىللىق قايتا-قايتا ئۆزگەرتىش ، باشقا بىلوگ ئۇسلۇبلىرىنىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن تەرەپلىرىنى قوشۇش ، ئىشلىتىشكە قولايلىقلاشتۇرۇش ئاساسىدا ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن .

ئۇسلۇب چۈشەندۈرۈشلىرى

1. كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن ياكى بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولمىسۇن ، خەۋەر ئۇسلۇبى ۋە مۇنبەر بەت شەكلىنى ئاساس قىلغان . بەتنى ئارقا بەتتىن ئۆزگەرتەلەيسىز ، يەنى يەتتە خىل رەڭدە .
2. تىزىملىك بەت ئۈستى ، بەت ئاستى تىزىملىكى قوللايدۇ ھەم سىيىرلما تىزىملىك قوللايدۇ . نۇرغۇن كىچىك قوراللار ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىگە قېتىۋىتىلگەن بولۇپ ، خالىغانچە تارتىپ ئىشلىتەلەيسىز .
3. تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان 20 دىن ئارتۇق مۇستەقىل بەتكە ئىگە . يەنى ؛ پىكىرخانا ، ئەسەر يوللاش بېتى ، كود رەتلەش ۋە كود ئىجرا قىلىش بېتى ، رەڭ تەڭشەش بېتى ، ئۇلىنىش بېتى ، ئوقۇرمەنلەر ۋە تىلىۋىزىيە بېتى ، كود ئالماشتۇرۇش بېتى ، يازما تىزىملىكى ۋە بېكەت ھەققىدە بېتى ...... ۋە باشقا بارلىق بەتلەر .
4. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بىلوگ فىلىم قويغۇچىسى ۋە فىلىم قويۇش بېتى ، بۇنى مۇئەللىم بىلوگى باش بېتىدىىكى خالىغان بىر فىلىمنى قويۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرۈڭ .
5. ئۇسلۇبقا شەخسى قىزىقىش تۈپەيلى ckplayer قويغۇچىسى ۋە kindeditor يازما تەھرىرلىگۈچىسى قېتىلغان بولۇپ ، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ، ئۇندىن باشقا يازما تەھرىرلىگۈچى ئىچىگە يوۋكۇ فىلىم ئادرېسىنى تاشلاپ قويسىڭىزمۇ ، فىلىم قىستۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ھەم قىستۇرۇلغان فىلىم تىلىفۇن كۆرگۈچىسىگە ماسلىشىشچان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان ئىقتىدار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان .
6. ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇسلۇب تەڭشىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، سىز ئۇسلۇب تەڭشىكى ئارقىلىق خالىغانچە تاللاپ كۆرسىتەلەيسىز ۋە ئىشلىتەلەيسىز .
قالدىسىنى مۇئەللىم بىلوگىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەرسە دەڭ .

ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى

خەۋەر بەت ھالىتى

مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبى سېتىلىدۇ

كارخانا بەت ھالىتى

مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبى سېتىلىدۇ

سۈرەتخانا بەت ھالىتى

مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبى سېتىلىدۇ

ئۇسلۇب سېتىۋېلىش كېلىشىمى

ئۇسلۇب ھۆججىتى سېتىۋالغۇچىغا ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ.
ئۇسلۇبنىڭ كېيىنكى ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسقىسى بۇرۇن سېتىۋالغۇچىلارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
ئۇسلۇب قاچىلاش، تەڭشەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تەمىنلىنىدۇ.
ئۇسلۇبتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇشۇ بەتتە ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇسلۇب مەسىلىسىدىن باشقا مەسىلىلەر (كۆپىنچە بوشلۇق مەسىلىسى) بىردەك ھەل قىلىش دائىرىسىدە بولمايدۇ.
بىكەت ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ، سىزگە ياققاندىن كېيىن سېتىۋېلىڭ. ئۇسلۇب سىزگە يوللانغاندىن كېيىن پۇل قايتۇرۇش بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
ئۇسلۇب ئاستىدىكى مەزكۇر بىكەت ئۇلىنىشىنى چىقىرۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئۇسلۇبقا باشقا ئىقتىدار قېتىشنى ئويلىسىڭىز، بلوگدىكى يازمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئۇسلۇب سېتىۋېلىش

ئۇسلۇب باھاسى : 299يۇئەن
بىلوگ يانرامكىسىدىكى ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق سېتىۋىلىڭ
بۇ يەردىن كىرىپ ئالاقىلىشىڭ | QQ:1302698656

    A+
ۋاقتى :2016-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى | سەھىپە :
مۇئەللىم

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :5    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   5   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ERK نازىر

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ.بىلوگ ئۇسلۇبىدىن ئازراق مەسىلە بارمۇ قانداق.ئۈستىدىكى سول تەرەپ، ئىككىنچى كونۇپكا باش سۈرىتىنى باسقاندىن كېيىن كىرىش ئىسىم ۋە پارولنى تولدۇرۇش ئارقىلىق، بىلوگ ئىچىگە كىرگىلى بولاتتى لېكىن مەن نورمال ئۇلىنىپ كىرەلمەيۋاتىمەن.كىرىش ئىسىم ۋە پارولنى توغرا كىرگۈزسەممۇ.يولدىن ئېزىپسىز ناملىق، 1 تېما چىقىۋېلىپ كەچۈرۈڭ سىز ئىزدىگەن مەزمۇننى تاپالمىدۇق دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەن، بۇ بىلوگقا ماۋۇ ئادرېس ئارقىلىق كىردىم.
      مەن بىلوگنى يانفوندا زىيارەت قىلدىم.
      ئىشلەتكەن توركۆرگۈچۈم. UC
      ھە راست، يولۇچىنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇپتىكەنسىز.مەنمۇ سىناپ باقتىم.بەك ئاتلىغاندا مۇزىكا ئۆچۈپ قالىدىكەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئەپەندىم تورىنى زىيارەت قىلىپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ قويغۇچى بەت ئاتىسىڭىزمۇ مۇزىكا ئۆچۈپ قالمايدۇ.
      ئەگەر بۇ بىلوگ ئۇسلۇبىغا بۇ خىلدىكى قويغۇچ سەپلەنسە، ھەر قانداق 1 مۇزىكا تورى قۇرۇشقا تولىمۇ باب كېلەركەن رەھمەت مۇئەللىم مەن كەتتىم، ئەگەر ۋاقتىم بولسىلا بۇ ئوماق ھەم ئەقىللىق بىلوگنى پات پات زىيارەت قىلىپ كۆرىمەن.بايقىغان مەسىلىلەرنى مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قىلىمەن.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ ئۇسلۇب سىزنىڭ قولىڭىزدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشكۈسى.مەن بۇ ئۇسلۇبنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالدىم مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم دىسكاز سىستېمىسى ئىدى.ئەگەر سانداننى بۇ، ۋوردپرەس قايتۇرغىلى بولغان بولسا ئىدى كاشكى.مەن ھەقىقەتەن قايتۇرۇۋالغان بولار ئىدىم چۈنكى مەن بۇرۇن بۇ ۋوردپرەس كەمتۈك دەپ ئويلايتتىم.لېكىن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى، قانچىكى زىيارەت قىلغانسېرى، ئۆزۈمنىڭ، شۇنچىكى خاتالاشقانلىقىمنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم.

      • avatar يولۇچى مېنىستىر

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاپاكەش مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟مېنىڭ مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئازراق تەكلىپىم بار.بۇ بىلوگ ئۇسلۇبىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى، ئۈن قويغۇچ ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن.مېنىڭ تەكلىپىم.مۇزىكىنى قويۇپ مەزمۇن كۆرۈش جەريانىدا بەت ئاتلىسىڭىز مۇزىكا توختاپ قالىدىكەن.مۇمكىن بولسا بىز مۇزىكىنى قويۇپ، بەتنى زىيارەت قىلىپ خالىغانچە ئاتلاۋەسەك.1 ياندىن مۇزىكا ئاڭلىغاچ 1 ياندىن مەزمۇن كۆرۈش كىشىگە تولىمۇ راھەت ئىكەن.شۇنى ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.

        • avatar ياسىنجان ھاكىم

          قانچىگە ساتىدىغان بولدىڭىز؟