تور بەت ئۇسلۇب ھۆججىتى CSS دىكى ئاتالغۇلار

كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز تور بېكەت ياساشنى بىلگەن بولسىمۇ CSS قا دائىر چۈشەنچىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز HTML شەكىلدىكى تور بېكەتلەرنى ياساشنى بىلسىمۇ مەخسۇس تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بىلىدىغان ھەم مەخسۇس CSS قا دائىر چۈشەنچىسى ياخشى تورداشلىرىمىز ناھايىتىمۇ ئاز.
شوڭا مەن تۆۋەندە CSS دا كۆپ ئۇچىراپ تۇرىدىغان كوماندا بۇيرۇقلىرى ۋە ئۇسلۇب پروگرامما بۆلەكلىرىنىڭ دائىملىق ئاتالغۇلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:
1. Body بەدەن، مەلۇم بىر پروگرامما بۆلەكلىرىنىڭ گەۋدىسى
2. Font-Family خەت نۇسخىسى، خەت نامى
3. Font-Size خەت چوڭلۇقى، خەت زىچلىقى
4. Margin سىرتقى بوش ئورۇن، تور بەت قۇرۇلمىسى بىلەن بەت قىرىنىڭ قېلىپ قالىدىغان ئارىلىقى
5. Magin-Top ئۈستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
6. Margin-Right ئوڭ تەرەپتىكى بوش ئورۇن
7. Margin-Left سول تەرەپتىكى بوش ئورۇن
8. Margin-Bottom ئاستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
9. Border سىرتى تەرەپ، ياقىسى
10. Border-Top سىرتقى ئۈستى تەرەپ
11. Border-Right سىرتقى ئوڭ تەرەپ
12. Border-Left سىرتقى سول تەرەپ
13. Border-Bottom سىرتقى ئاستى تەرەپ
14. Padding ئىچكى بوش ئورۇن، ئوبيىكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بوش ئورۇن
15. Padding-Top ئىچكى بوش ئورۇن ئۈستى تەرەپ
16. Padding-Right ئىچكى بوش ئورۇن ئوڭ تەرەپ
17. Padding-Left ئىچكى بوش ئورۇن سول تەرەپ
18. Padding-Bottom ئىچكى بوش ئورۇن ئاستى تەرەپ
19. Td جەدۋەلنىڭ سىتون كاتىكى
20. Th جەدۋەلنىڭ قۇر كاتىكى
21. Float لەيلەش، (لەيلىمە ئېلان كودىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ).

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :5    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   5   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar يولۇچى مېنىستىر

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      بۇ بېكەتتە ياخشى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن.ياقتۇرغان مەزمۇنلىرىمىزنى ساقلىۋىلىشنى ئۇقمىدىم.ئادەتتە مۇنبەرلەردە ساقلاش ئىقتىدارى بولىدىغان.تىزىملىتىپ ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى ساقلىۋالاتتۇق.كېيىن لازىم بولغاندا بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ ساقلىغۇچىسىدىن كىرىپ ئىزدەپ، تېپىۋالاتتۇق.بۇنداق بولغاندا، بەك قولايلىق بولىدىكەن.بېكىتىڭىزنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بولسا ئېچىپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن.بۇ بېكەتكە ئەزا بولۇپ كىرىپ، ياخشى كۆرگەن مەزمۇنلىرىمىزنى ساقلىۋالغان بولساق.

      • avatar ئالۋۇن مېنىستىر

        بۇ تىمىنى ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي …

        • avatar يامغۇر مېنىستىر

          كۆپ تەشەككۈر قىممەتلىك تىما !

          • avatar نامسىز مېنىستىر

            كۆپ تەشەككۈر قىممەتلىك تىما