ياردەمنى مۇنداق سورايمىز

ياردەمنى مۇنداق سورايمىز
مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
مۇشۇ كۈنلەردە QQ ۋە ئۈندېداردا ياردەم سورىغۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن گەپنىڭ راستىنى ئېيىتقاندا تىرىككەك بولۇپ قالدىم . سەۋەبى ،مۇشۇ بىلوگقا يوللىنىپ ، ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولغان مەسلىلەر QQ ۋە ئۈندېدارلاردا تەكرار سورالدى ، يەنە كېلىپ بۇ سۇئاللار دەل مەل خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سىرىتتا ئالدىراش ئىش بىجىرىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغاچقا ، ئادەمگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم ، سۇئالمۇ كۆپ ، بېرىدىغان جاۋاب ئۇنىڭدىن كۆپ ......
ماڭا ئەڭ ئىغىر كەلگىنى ، بىر نەچچە يىلدىن بىرى كومپىيۇتىردا خىزمەت قىلىش ۋاقتىمنىڭ كۈنسىرى ئېشىشى سەۋەبىدىنمۇ ياكى 2014-يىلىدىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىنمۇ كۆزۈم يىقىننى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ ، 250 گىرادۇسلۇق كۆزەينەك بىلەن بۇ كىچىك ئېكرانلىق ئۈسكۈنىگە بارماق بىلەن توختىماي خەت بېسىش مېنى رەسمىي قىينىدى ، ئاۋازلىق جاۋاب قايتۇراي دېسەم ئىشخانا مۇھىتىم ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەت تەقسىماتىم بۇنىڭغا پەقەتلا ماس كەلمىدى . جاۋاب قايتۇرماي دېسەم ، يەنە بىر كۆڭۈلنى قۇرۇق قايتۇرۇشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىدىم . شۇ سەۋەب خىلى بۇرۇنلا «ياردەم كېرەك»سەھىپىسىنى قۇرۇپ قويغانمەن .
گەرچە بۇ سەھىپىنى قۇرۇپ قۇيغىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ ، يازمىغا باھا يازغاندا بىر جۈملىدىن ئارتۇق باھا يازالماي كۆنۈپ كەتكەن بۇ قوللار بۇ سەھىپىگە قاملاشتۇرۇپ بىرەر تال ياردەم سوراش تېمىسىنى يېزىشنى تەس كۆرۈپ ، QQ ۋە ئۈندېدار ئارقىلىق ياردەم سوراشنى تاللىدى ......
بىر كۈن خىزمەت قىلىپ چارچىغان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ يۈرۈپ ،ئېرىنمەي جاۋاب يازدىم ،يەنە يازدىم ، يەنە يازدىم ...... لېكىن كىم چۈشىنەر ، مەندەك كۆز نۇرى ئاجىزلاپ ، ئاشۇ كىچىك رەقەم ۋە ھەرپلەرنى بېسىش ئۈچۈن شۇنداق كۈچىنىۋاتقان بىرىنى .......يازماي دەپ قانچە ئويلاندىم ، بىلوگنى تاقايمۇ ،تاقىمايمۇ دەپ يەنە ئويلاندىم ، خىزمەت ۋاقتىمنىمۇ ئەسكەرتىپ پاقتىم ...... ئىشقىلىپ مەن تىرىشتىم .......
نەق گەپكە كەلسەك ، بۇندىن كېيىن ياردەمنى مۇنداق سورايمىز !!!

تۆۋەندىكى مەن كۆرسەتكەن ئورۇنلارغا ئوبدان قاراڭ

ئزدىنىپ يۈرۈپ ، سىلەرگە قولاي كېلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ چىقتىم .
بىرىنچى ياردەم تېمىسى يازىدىغان ئورۇن (باشقا تېما يېزىشقىمۇ ماس كېلىدۇ)
ياردەمنى مۇنداق سورايمىز
ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن جايدىكى «ئەسەر يوللاش»دېگەن تىزىملىكنى بېسىپلا ياردەم تېمىسى يوللىيالايسىز . ياردەم تېمىسى يوللاشتا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە سەھىپە تاللاشقا دېققەت قىلىڭ ؛
ياردەمنى مۇنداق سورايمىز
ئېككىنچى ياردەم تېمىسى يېزىشقا ماس كېلىدىغان ، قولغا ئەڭ يېقىن ۋە قولاي ئورۇن
ياردەمنى مۇنداق سورايمىز
رەسىمدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ھەر بىر تال يازمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇن بېتىدىكى يازما تېمىسى ئۈستىدە .
دېمەك مەن ئىزدىنىپ مۇشۇنچىلىك قولايلىق يارىتالىدىم .
ياردەم تېمىسىنى QQ ، ئۈندېداردىن بېكەتكە كۆچۈرۈپ كېلىشكە دەۋەت قىلىشىمدىكى ئىككىنچى مەقسەت ، بۇ بىر ياردەم تېمىسىغا جاۋاب بېرىدىغان مەزمۇندىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم سورىغۇچىلارنى بەھىرلەندۈرۈش . ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بېكەت تىزىملانماي ، پەقەت ئىسىم يېزىپلا باھا يېزىشقا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان . سىزدىن ئېلخەت ئادرېسى ۋە تور بېكەت نامى سوراپمۇ ئولتۇرمايدۇ . مۇشۇنداق قولاي ھالەتتىمۇ يازمىغا چۈشكەن باھا چاغلىقلا ، خۇددى بۇ يازمىلارنى كېيىنچە بىردىنلا كالۋالىشىپ قالسام ئۆزۈم پايدىلىنارمەن دېگەن مەقسەتتە يازغاندەكلا .......
قىسقىسى ، ئوقۇرمەنلىرىم ، بۇ بىلوگدا يەنە ئىزدەش دەيدىغان بىر رامكىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، مەن ئىزدېگۈچىلەرگە يەنە شۇ قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ھەر بىر يازمامدا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر-ئىككى خەتكۈش(ھالقىلىق سۆز)قالدۇرۇپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن . شۇ ئاچقۇچلۇق سۆز بويىچە ئىزدېسەكمۇ ، مېنىڭچە ئۆزىمىزگە كېرەكلىك جاۋابلارنى تاپالايتتۇق ........
تۈگىدى ......!!!

مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :7    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   7   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئەھەتجان مېنىستىر

      قالتىس

      • avatar ئۇيغۇرجان مېنىستىر

        سالامەتلىكڭىز ئاسىراڭ مۇئەللىمكا سالامەتلىك مۇھىم
        ئېلخەت ئادرىسنى كىرگۈزدىغان يەر يوقاپ كىتىپتۇ راسىت

        • avatar يولۇچى مېنىستىر

          رەھمەت مۇئەللىم.بۇ تېما ھەقىقەتەن 1 قىسىم ياغاچ قۇلاقلارغا، ئوبدان بولۇپتۇ.سالامەتلىكمۇ مۇھىم مۇئەللىم، شۇڭا سالامەتلىكىڭىزدىنمۇ ئوبدان ئاسراڭ لېكىن بىلوگنى تاقىۋېتىمەن دېمەڭ.چۈنكى مۇئەللىم بىلوگى wordpress تىن پايدىلىنىپ بېكەت قۇرغانلار ئۈچۈن ئانا تىلىمىزدىكى، ئەڭ چوڭ ئەڭ ياخشى، بىردىن بىر ئۆگىنىش سۇپىسىدۇر.بىزدە تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەن گەپ بار.شۇڭا، تاقىۋەتسەم بولامدىكىن دېگەن گەپنى قىلمىغان بولسىڭىز.ھە راست مۇئەللىم، كىيۇكىيۇ ۋە ئۈندىداردا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا.مۇشۇ تېمىنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بولۇپتىكەن.چوقۇم مۇشۇ بىلوگنىڭ بەلگىلىمىسىگە بويسۇنسا جاۋاب بېرىڭ بولمىسا جاۋاب بەرمەيلا قويۇڭ.ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم چاتاقچى ئەمەس شۇ چاتاقچىدىن بىرى، ئىككىسىلا بار خالاس.شۇ 1 نەچچە ئادەم.پۈتۈن تەرتىپ تۈزۈمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.شۇڭا كىيۇ كىيۇ ياكى ئۈندىداردا سورالغان بارلىق سوئاللارغا پەقەت ۋە پەقەت بۇ تېمىنىڭ ئادرېسىنى، جاۋاب ئورنىدا ئەۋەتىش پايدىدۇر خالاس.بۇنداق بولغاندا يۇقىرىدا سىز ئېيتقاندەك.ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ قايتىدىن جاۋاب بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، يەنى، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىدىن ھەممە ئادەم ئورتاق پايدىلىنالايمىز ئەمەسمۇ.رەھمەت مۇئەللىم، ھەقىقەتەن جاپا چەكتىڭىز………

            • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

              @يولۇچى كۆپ تەشەككۈر ، مېنى چۈشەنگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزگە بىر قەدەمنى ئارتۇق قالدۇرۇپ قويغىنىڭىز ….

            • avatar ئۈمىدۋارمەن مېنىستىر

              :oops:

              • avatar ئىنتىزار مېنىستىر

                بەك ياخشى تېما بوپتۇ ياردەم سورىغۇچىلار ئەمەل قىلسا