مۇئەللىم نېمە دەيدۇ ؟

مۇئەللىم نېمە دەيدۇ ؟
مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان بىلوگلارنىڭ تاقىلىشى ۋە بىلوگداشلارنىڭ بىر-بىرلەپ سەپتىن ئايرىلىشى نەتىجىسىدە ،بارلىق بېسىم مۇئەللىم بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان مەن مۇئەللىمنىڭ زېممىسىگە چۈشمەكتە . گەرچە ئارتۇچ بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئارتۇچ ئەپەندىم يىقىندىن ياردەمدە بولىۋاتسىمۇ ، ئەمما يەنىلا ياردەم ئىلتىجالىرى داۋاملىق ياغماقتا .
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ مۇلازىمەتكە ۋە ياردەمگە ئىھتىياجىلىق تورداشلارغا تورداشلار رازى بولغۇدەك ياردەم ۋە جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە ، بۇ تېمىنى يېزىشنى لايىق كۆردۈم .

مۇئەللىمنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە خىزمەت ۋاقتى

ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇش ۋاقتىم : ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:30
5:30 دىن 6:00 گىچە : ئەتتىگەنلىك چىنىقىش
6:00 دىن 7:10 غىچە : ئەتتىگەنلىك ناشتا ۋە تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەر بىلەن ھەپىلىشىش
7:10 دا : مەكتەپكە يول ئېلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش
8:00 دىن 12:00 گىچە : چۈشتىن بۇرۇنقى ئوقۇتۇش ۋاقتى
12:00 دىن 13:15 كىچە : چۈشلۈك دەم ئېلىش
13:30 دىن 17:30 غىچە : چۈشتىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ۋاقتى
17:30 دىن 18:00 گىچە : ئۆيگە قايتىش
18:00 دىن 19:00 غىچە : كەچلىك تاماقلىنىش ۋە ئارام ئېلىش
دېمەك بۇ بىر كۈن ئىچىدىكى ئاساسلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتىم يۇقىرىقىدىن ئىبارەت بولۇپ ، يۇقىرىقى ۋاقىتلاردا تېلېفۇن ئارقىلىق ۋە ياكى QQ ئارقىلىق ، QQ غا نەزەر ئاغدۇرغان ۋاقىتتىكى ئادەتتىكى مەسلىھەت تىپىدىكى ياردەملەرنى قىلىشقا ۋاقتىم چىقسىمۇ ، ئەمما ، كومپىيۇتىر ئارقىلىق ئەمەلىي قول سېلىپ قىلىدىغان ياردەم ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىغا ئەسلا ۋاقىت ئاجراتمايمەن . چۈنكى ، مېنىڭ گېلىم مۇشۇ 8 سائەتلىك ئاساسلىق ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان نىسىۋەمگە باغلانغان . ھەم قوشۇمچە ئىشلارغا ۋاقىت ئاجرىتىمەن دەپ ، ئاساسلىق خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، باشقىلار ئالدىدا يەرگە قاراش ئەزەلدىن ماڭا ياراشمىغان . شۇڭا بۇ ۋاقىتلاردا تور بېكەت ئىشى تۈپەيلىدىن ھەر بىر ياردەم سورىغۇچىغا ياردەم قىلالمايمەن . شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن .

ياردەم ۋە مۇلازىمەت ۋاقتى

1.ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە تەتىل مەزگىلى
2.ھەر كۈنى كەچ سائەت 19:00 دىن 22:00 گىچە بولغان ۋاقىت
يۇقىرىقى ۋاقىتلاردا مەن توپتا «كىمگە ياردەم كېرەك؟» دەپ توۋلاپ بولالمايمەن . شۇڭا ياردەمگە ۋە مۇلازىمەتكە ئىھتىياجىلىق دوستلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋاقىتلاردا ئۆزلىكىدىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۆزى ۋە مەن ئۈچۈن قولايلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . كەچ سائەت 22:00 دىن ئاشقاندىن كېيىن ھەرقانداق ئالتۇن بىلەن كۆمۈۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ قوبۇل قىلمايمەن ياكى توختىتىپ قويۇپ ، كېيىنكى كۈنى داۋاملىق ئىشلەپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .

ياردەم ھەققىدە

ياردەم سورىغۇچىنىڭ ئىگەللەيدىغان خالىس ياردەم ۋاقتى ھەپتىدە يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياردەم تېمىسى ئەگەر ياردەم سورىغۇچى قوشۇلسا ، ھەقلىق داۋاملاشتۇرلىدۇ ، بولمىسا كېيىنكى ھەپتىدە داۋاملىق خالىس ياردەم قىلىشقا قالدۇرۇلۇپ قويىلىدۇ . بۇ يەردىكى ياردەم تۈرى پەقەت بېكەتنى تەڭشەپ بېرىش ، ئۇسلۇبنىڭ ماسلاشمىغان تەرەپلىرىگە يول كۆرسىتىش ياكى ۋاكالىتەن تەڭشەپ بېرىش ، ئۇسلۇبقا يېزىق تونۇتۇپ بېرىش قاتارلىقلار بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ . ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا . ھەم باشقىلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىككىنچى بىرىگە باشقىلارنىڭ ئىشىنى قويۇپ قويۇپ ، ياردەم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن .

ياردەم سورىغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1.مەن بىر مۇئەللىم ، ئەزەلدىن باشقىلارنى قارىغا قويىدىغان ياكى قويمىچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىدىم ھەم قىلمايمەن ، چۇنكى مېنىڭ ھەر ئايدا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك خىزمەت ئىش ھەققىم بار . شۇ سەۋەبتىن مەن ھەقلىق قىلدۇرىمەنغۇ ، شۇڭا مەن دېگەن ۋاقىتتا ماڭا ۋاقىت ئاجرىتىشى ياكى ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ قارىغۇچىلار مېنى ئىزدىمەڭ .
2.مەن ئەزەلدىن ماڭا ئىشەنگەنلەرگە ئۆزۈمدىن ئاشۇرۇپ ئىشەندىم ۋە ئۇلار خۇرسەن بولغۇدەك ياردەملەرنى قىلدىم ، شۇ سەۋەب ، تور دۇنياسىدا يۈز-تۇرانە كۆرىشىش پۇرسىتى بولمىغان نۇرغۇن ياخشى دوسىت ۋە ئاكا-ئېنىلەرگە ھەمنەپەس بولدۇم . شۇ سەۋەبتىن ماڭا ئىشەنمىگۈچىلەر مېنى ئىزدىمەڭ .
3.مەن بۇ يىل ساپمۇ-ساق 42 ياشقا قەدەم باستىم ، مەن ھەمنەپەس بولۇپ كەلگەنلەر مېنىڭ كىملىكمنى ئوبدان بىلىدۇ ، ئۆز كۆرۈپ بىر قىسىم چاقچاقلارنى پىسەنتىمگە ئالمىغىنىم بىلەن ، غورورۇمغا تاقىشىدىغان بىر قىسىم گەپ سۆزلەردە ، مېنى بىر ئۇستاز سۈپىتىدە كۆرۈپ ، ئارىلىق ساقلىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ . ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن ھۆرمەت تاپار ......دېگەندەك .
4.مەن ھەر قانداق ئادەم ، ھەر قانداق ئىشقا سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمەن ، گەپنىڭ مىغىزىغا چاقچاق ئارلاشتۇرۇشنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيمەن . ئىشنى ئاستا ،ئەمما ئىش ئىگىسىگە يارىغۇدەك قىلىشنى ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمگە يارىغۇدەك قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، شۇ سەۋەب مېنى ئالدىرىتىپ ، تىز پۈتتۈرۈشكە قىستايدىغانلار ، ھە دېسىلا بايا دېگىنىنى پۈتۈپ بولغاندا يەنە باشقا بىر كۆرۈنۈشكە ئۆزگەرتىش تەلىپىنى قويىدىغان ، لايىھىسى خاملار مېنى ئىزدىمەڭ . سەۋەبى ، ماڭا ئەزەلدىن باشلىق ۋە سۈيلىگۈچى كەتمەيدۇ ، شۇ سەۋەب ، رەھبەرلىرىم : «ئالىمغا ئىش تاپشۇرساق بىز خاتىرجەم ، ئۇنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولسۇن،ئارىلاشماڭلا !»دەيدۇ ، چۈنكى مەن دېمىسىمۇ ئەستايىدىل ۋە تىرىشچان ھەم مەسئۇلىيەتچان ، ئۆزۈم خالاپ قىلغان ئىشتا كېچە-كۈندۈز ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى جاپا چەكتىم ، دەپ ۋايساشتىن خالىي .
قىسقىسى ، مەن بىر ئوچۇق-يورۇق قىرى ، كۆڭلۈمدىكىنى تۈزلا دەپ سالىدىغان ئادىتىم بار ، خۇش بولساممۇ دەيمەن ، خاپا بولۇپ رەنجىسەممۇ شۇ . شۇڭا ، يۇقىرىدا دېيىلىگەن تەرەپلەرگە كېلەلەيدىغانلار ، مېنى بىر ئۇستاز ، بىر ياخشى سىرداش ۋە ھەمكارداش سۈپىتىدە قاراپ ، ماڭا قول بېرىڭ ، ئەلۋەتتە ، سىزنىڭ قېيىنچىلىقىڭىزنى تۈگىتىش ،غەملىرىڭىزگە ھەمشېرىك بولۇش ، مۇھىمى سىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇش -مېنىڭ مەقسىتىم . سىز بولغاچ ، مەن بۇ تور دۇنياسىدا «مۇئەللىم» دېگەن نامىمنى چاقنىتالىدىم ۋە ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلدىم ......

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :6    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   6   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئالۋۇن مېنىستىر

      تىمىنى كۈرۈپ سىلىنى يەنە بىر رەت تۇنۇپ يەتتىم ، ئەسلى بۇرۇندىنلا تۇنۇيتتىم ، بىلوگ ساھاسىدە كۈزگە كۈرۈنگەن ئۇستازلاردىن ئاساسەن مۇئەللىم قالدى دەپ ئويلايمەن ، سىلىدىن باشقا ئۇستازلارمۇ بۇلىشى مۇمكىن ئەمما سىلىدەك ئەتىراپلىق مەسئۇلىيەتچان بىلوگداش ئۇستازلار يوق دىيەرلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق يار بولسۇن .

      • avatar ئۇيغۇربەگ مېنىستىر

        ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ باشقىلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلار ئىچىدە سىزلا قالغان ئوخشايسىز، ئاكامنىڭ يېشىدا ئىكەنسىز، ھارماڭ، چارچىماڭ.

        • avatar زۇلپىقار ئابدۇللا مېنىستىر

          بۇ يازمىڭىز ئارقىلىق سىزنى تىخىمۇ بەكرەك چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ئادەم 40 تىن ئاشقاندا ئۆز قىممىتىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يېتىدىكەن ، ۋاقتىنى تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى خالايدىكەن ، شۇڭا يىرىم كېچىدە تور بېتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن . بايا بىر ئىككى يىل ئاۋالقى نۇرغۇن بىلوگلارنى ئېچىپ باقتىم ، ھەممىسىلا تاقىلىپ ياپۇن يىزىقىدىكى ئىلان تور بەتلىرى ئېچىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ، سىزنىڭ بولسىمۇ غەيرەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن . دوستىڭىز زۇلپىقار ئابدۇللا

          • avatar ئىنتىزار بەگ مېنىستىر

            مۇئەللىم بۇ ئىنتايىن ياخشى تېما بۇپتۇ مۇئەللىم ۋاقىتى بىلەن ئوبدان تۇنۇشىۋالدۇق قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

            • avatar توربىلىم مېنىستىر

              بولىدۇ مۇئەللىم ھېلىمۇ ئاز جاپا چەكمىدىڭىز ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن مۇئەللىم