WordPress باھا رامكىسىدىكى يەنە بىر مەخپىيەت

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress ئىشلەتكۈچىلەرگە مەلۇمكى ، باھا يوللىغاندا باھا يوللىغۇچىنىڭ ئىسمى ، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تور بېكەت ئادرسىنى يېزىش كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەرگە نېسەبەتەن بەكمۇ ئاۋارىچىلىق ھېسابلىنىدىغان بىر ئىش ، ئەمەلىيەتتە WordPress تە باھا يوللىغۇچى پەقەت ئىسمى ياكى تەخەللۇسىنى ئىشلىتىپمۇ باھا يوللىيالايدۇ . بۇنىڭ مەخپىيىتى قەيەردە ؟ ئۇنداقتا ، دىققىتىڭىز يازمىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن ....

بىگىن ئۇسلۇبى ئىشلەتكۈچىلەر

ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى comment-ajax.php نى ئىزدەپ تېپىپ ، كۆد تەھرىرلىگۈچدە ئېچىڭ ۋە 77-82نومۇرلۇق قۇردىكى تۆۋەندىكى كودنى :

  
if ( get_option('require_name_email') && !$user->ID ) {
	if ( 6 > strlen($comment_author_email) || '' == $comment_author )
		err('ئەسكەرتىش :ئىسمىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى يېزىڭ .'); 
	elseif ( !is_email($comment_author_email))
		err('ئەسكەرتىش :ئۈنۈملۈك ئېلخەت ئادرېسى يېزىڭ ');
}  
 

بۇ كودقا ئالماشتۇرۇڭ :

  
if ( get_option( 'require_name_email' ) && ! $user->exists() ) {
    if ( '' == $comment_author )
        return new WP_Error( 'require_name_email', __( 'كەچۈرۈڭ :ئىسمىڭىزنى يېزىڭ !' ), 200 );
}  
 

ئاندىن كېيىن style.css نىڭ خالىغان بىر يېرىگە تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇڭ ۋە قالدۇق تازىلاپ ئۈنۈمىنى كۆرۈڭ .

  
.comment-form-email, .comment-form-url{
    display: none;
} 
 

باشقا ئۇسلۇب ئىشلەتكۈچىلەر

wp-includes مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى comment.php نى كۆد تەھرىرلىگۈچتە ئېچىڭ ۋە تەخمىنەن 2886-قۇردىكى تۆۋەندىكى كودنى ؛

  
if ( get_option( 'require_name_email' ) && ! $user->exists() ) {
    if ( 6 > strlen( $comment_author_email ) || '' == $comment_author ) {
        return new WP_Error( 'require_name_email', __( 'ERROR: please fill the required fields (name, email).' ), 200 );
    } elseif ( ! is_email( $comment_author_email ) ) {
        return new WP_Error( 'require_valid_email', __( 'ERROR: please enter a valid email address.' ), 200 );
    }
}  
 

تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇپ ، بۇ ھۆججەتنى ئەسلىدىكى ئورنىغا چىقىرۋېتىڭ :

  
if ( get_option( 'require_name_email' ) && ! $user->exists() ) {
    if ( '' == $comment_author )
        return new WP_Error( 'require_name_email', __( 'كەچۈرۈڭ :ئىسمىڭىزنى يېزىڭ !' ), 200 );
}  
 

ئاندىن كېيىن style.css نىڭ خالىغان بىر يېرىگە تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇڭ ۋە قالدۇق تازىلاپ ئۈنۈمىنى كۆرۈڭ .

  
.comment-form-email, .comment-form-url{
    display: none;
} 
 

باھا رامكىسىدىكى ئۆزگىرىش سىلىشتۇرمىسى

ئەسلىدىكى باھا رامكىسى
WordPress باھا رامكىسىدىكى يەنە بىر مەخپىيەت
ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكىسى
WordPress باھا رامكىسىدىكى يەنە بىر مەخپىيەت

يۇقىرىقى مەشغۇلاتلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ، بىلوگىڭىزدا باھا يوللىغۇچى پەقەت ئىسىم ياكى تەخەللۇسىنى توشقۇزۇپلا باھا يوللىيالايدۇ .
ئۈنۈمىنى مۇئەللىم بىلوگىدىن كۆرۈڭ .يازمىمىزنى ئىشلىتىش قىممىتى بار دەپ قارىسىڭىز باھادا بىخىللىق قىلمىغايسىز ، بىز پەقەت سىز ئۈچۈنلا يازما تەييارلايمىز ....

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :8    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   8   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ERK نازىر

      بۇ ياخشى ئۇسۇل ئىكەن. ئەسلى تورخەت مەنزىلىنى قالدۇرۇش، تولىمۇ ياخشى ئىش ئىدى، بولۇپمۇ بىلوگىدىكى يېڭىلىقنى بىلىشكە ۋە ئالاقىلىشىشقا بەك پايدىسى بار ئىدى.لېكىن بىز ئۇيغۇرلار ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەن.نۇرغۇن بىلوگلاردا تورخەت مەنزىلىنى تولدۇرۇش، شەرتلىك، ئىكەن. ئاشۇ شەرتلىكنى قالدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ. خالىغانلار تولدۇرسا خالىمىغانلار تولدۇرمىسا دېمەكچى.مۇمكىن بولسا مۇئەللىم مۇشۇ ھەقتە بىر تەلىم بەرسىڭىز.

      • avatar سۇلتان مېنىستىر

        ئەمما كىيىن قالغان بولساممۇ نان تەككۈدك تېما بوپتۇ مۇئەللىم ھارماڭ…

        • avatar سۇلتان مېنىستىر

          رەخمەت مۇئەللىمكا ماڭىمۇ موك ياقتى ماۋۇ تېما

          • avatar يۇلتۇزۇم مېنىستىر

            مەن بۇلار توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئېگە بولمىساممۇ، باشقا تور بەتلەگەباھا يېزىشتا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلاتتىم ،بەك ياخشى بوپتۇ قولايلىق ئىكەن.

            • avatar ئىشقىيار مېنىستىر

              ۋوردپرېسسكە بولغان ئىشتىياقىڭىز ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ مۇئەللىمكا، يېڭى-يېڭى تېخنىكىلارنى ئۇيغۇر بلوگگىرلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىڭىز ھەقىقەتەن مېنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى قوزغايدۇ. بلوگىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي.

              • avatar پەخېر مېنىستىر

                مەن بۇ ئۇسۇلنى بېكىتىمگە قوشقان ، ئىنكاس يېزىپ بىر ئۇزۇندىن كىيىن ئاندىن ئىنكاس ماڭىدۇ ……

                • avatar پەخېر مېنىستىر

                  ۋاھ ۋاھ نىمدا ياخشى رەھمەت مۇئەللىم

                  • avatar ئىنتىزار ۋالىي

                    ۋاھ ۋاھ نىمدا ياخشى رەھمەت مۇئەللىم ئالەمچە خوش بۇلدۇم دېسە قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن