بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
-تور بېكىتىڭىزگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خەت نۇسخىسى ئىشلەتكىڭىز بارمۇ ؟
-تور بېكىتىڭىزگە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىلىرىنى ھاسىللىيالمايۋاتامسىز ؟
-تور بېكەت تەرجىمە قىلىشتا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرسىتەلمەي ئىچىڭىز پۇشتىمۇ ؟
يۇقارقى سۇئاللىرىڭىزغا بۇ يازمىمىزدا تەپسىلى جاۋاب بېرىمىز ....
بۇ يازمىنىڭ تېخنىكىلىك دەرىجىسى يۇقىرى ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجىمىمۇ كۆپرەك ، شۇڭا ،زىھنىڭىزنى قويۇپ كۆرۈشىڭىزنى ، يازمىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار باھا شەكلىدە قايتا تەكرارلىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ....

ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ


خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە يارىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ، تۆۋەندىكى ئادرېستىن بېكەتكە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسى ھاسىللاڭ .

بېكەتكە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسى ھاسىللاش

بىرىنچى قەدەمدە بۇ ئادرېستىن كىرىڭ :


ئىككىنچى قەدەمدە رەسىمىدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ، تور بېكەتكە ھاسىللايدىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ بېرىڭ .
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
ئۈچىنچى قەدەمدە خەتنى تاللاپ ، «打开» نى باسقاندىن كېيىن ، ئاپتوماتىك ھالەتتە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش باشلىنىدۇ . خەت نۇسخىسى ھاسىللاش كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
ھاسىللاپ بولغان كۆرۈنۈش ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بۇ چاغدا بىز توغرا بەلگىسى ئۇرۇلغان ، رەسىمدىكى ئىستىرلكا كۆرسەتكەن يېشىل كۇنۇپكىنى چىكىمىز ؛ بۇ كۇنۇپكىنى چەككەندە تۆۋەندىكى رەسىمىدىكى ھالەتكە ئالمىشىدۇ .
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بۇ چاغدا بىز يەنە رەسىمدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن «Download» بۇ خەتنى بېسىپ ، ھاسىللىنىپ بولۇنغان خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۋالىمىز ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
ھاسىللانغان خەت نۇسخا بولىقىنى چۈشۈرۈپ ، بولاقتىن يېشىپ قارايدىغان بولساق ، بېكەتكە ئىشلىتىدىغان ئۈچ خىل شەكىلدىكى خەت نۇسخىسى ، يەنە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ خەت چوڭلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان «demo.html» ۋە ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچە يېزىق تونۇتقاندا ئىشلىتىدىغان «stylesheet.css» نامىدىكى «font-face » ھۆججىتىدىن ئىبارەت تۆت تال ھۆججەتنى كۆرىمىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش

تور بېكەتتە ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرسىتىش

بىز يۇقىرىدا ھاسىللىغان خەت نۇسخىسى ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۋالغاندىن كېيىن ، «ttf,eot,woff»فورماتىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى بوشلۇققا يۈكلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز ، يۈكلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا ، بېكەت باش مۇندەرىجىسىگە ياكى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇننىڭ خالىغان بىرسىگە «fonts» نامىدا ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ ، بۇ ئۈچ خىل فورماتتىكى خەت نۇسخىلىرىنى بۇ ھۆججەت قىسقۇچقا يۈكلەيمىز . يۈكلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇسلۇبنىڭ «style.css» ھۆججىتىگە بايىقى ھاسىللىغان بولاقتا بىللە چۈشكەن «stylesheet.css» ھۆججتى ئىچىدىكى «font-face » قىسمىنى خەت نۇسخىسىنى يۈكلىگەن ھۆججەت قىسقۇچىمىزنىڭ ئورنىغا ئاساسەن ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ قويىمىز .
دەسلەپ چۈشۈرگەندىكى «stylesheet.css» ھۆججتى ئىچىدىكى «font-face » قىسمى كودى ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
مۇھىم نوقتا :
1.ئەگەر سىز «fonts» ھۆججەت قىسقۇچىنى بېكەت باش مۇندەرىجىسىگە قۇرغان ۋە خەت نۇسخىلىرىنى شۇ ھۆججەت قىسقۇچقا يۈكلىگەن بولسىڭىز ، «font-face » كودىنى تۆۋەندىكدەك ئۆزگەرتىپ ، ئۇسلۇبنىڭ «style.css» ھۆججىتىگە قوشۇڭ ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بۇ كودتىن پايدىلىنىڭ ؛

Code   ViewPrint
  1. /*------------- font-face ---------*/
  2. @font-face {
  3.     font-family: 'ALKATIP Rukki';
  4.     src: url('/fonts/ALKATIPRukki.eot');
  5.     src: url('/fonts/ALKATIPRukki.eot?#iefix') format('embedded-opentype'),
  6.         url('/fonts/ALKATIPRukki.woff') format('woff'),
  7.         url('/fonts/ALKATIPRukki.ttf') format('truetype');
  8.     font-weight: normal;
  9.     font-style: normal;
  10. }

2.ئەگەر سىز «fonts» ھۆججەت قىسقۇچىنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە قۇرغان ۋە خەت نۇسخىلىرىنى شۇ ھۆججەت قىسقۇچقا يۈكلىگەن بولسىڭىز ، «font-face » كودىنى تۆۋەندىكدەك ئۆزگەرتىپ ، ئۇسلۇبنىڭ «style.css» ھۆججىتىگە قوشۇڭ ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
بۇ كودتىن پايدىلىنىڭ ؛

  1. /*------------- font-face ---------*/
  2. @font-face {
  3.     font-family: 'ALKATIP Rukki';
  4.     srcurl('fonts/ALKATIPRukki.eot');
  5.     srcurl('fonts/ALKATIPRukki.eot?#iefix') format('embedded-opentype'),
  6.         url('fonts/ALKATIPRukki.woff') format('woff'),
  7.         url('fonts/ALKATIPRukki.ttf') format('truetype');
  8.     font-weightnormal;
  9.     font-stylenormal;
  10. }

ئۇنداقتا «font-face» كودىنى «style.css» ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى قايسى ئورۇنغا قويساق ئەڭ مۇۋاپىق ؟
مېنىڭچە بولغاندا ، «style.css» ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى نەشىر ئۇچۇرىنىڭ ئاستىغىلا قويساق ، ئەڭ مۇۋاپىق . بۇ يەردىكى كود «fonts» ھۆججەت قىسقۇچى ئۇسلۇپ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە قۇرۇلغاندىكى قويۇش شەكلى مېسالغا ئېلىندى ؛ رەسىمگە قاراڭ ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش

بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
تۆۋەندىكى كودقا قاراڭ ؛

Code   ViewPrint
  1. /*
  2. Theme Name:  Fly 1.0
  3. Version: 1.0
  4. */
  5. /*------------- font-face ---------*/
  6. @font-face {
  7.     font-family: 'ALKATIP Rukki';
  8.     src: url('fonts/ALKATIPRukki.eot');
  9.     src: url('fonts/ALKATIPRukki.eot?#iefix') format('embedded-opentype'),
  10.         url('fonts/ALKATIPRukki.woff') format('woff'),
  11.         url('fonts/ALKATIPRukki.ttf') format('truetype');
  12.     font-weight: normal;
  13.     font-style: normal;
  14. }

بىز يۇقىرىدا ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش كودىنى قويۇپ بولدۇق ، ئەڭ ئاخىرىدا قىلىدىغان ، يەنىمۇ مۇھىم بىر نوقتا ، «style.css» ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى «font-family» خاسلىقىغا ئۇيغۇرچە خەت شەكلى نامىنى قوشۇۋىتىش بولۇپ ، «font-family» خاسلىقى بەزى ئۇسلۇبلاردا «style.css» ھۆججىتى ئىچىدە بىرلا يەردە ئىشلىتىلسە ، بەزى ئۇسلۇبلاردا سەككىز-ئون ئورۇندا تەكرار ئىشلىتىلىدۇ . «font-family» خاسلىقىغا ئۇيغۇرچە خەت شەكلى نامىنى ھەم تىز ھەم توغرا قوشۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ، ئۇسلۇبتا بىز ئىشلەتمەيمىز دەپ قارىغان باشقا تىلدىكى خەت نامىغا ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش بۇيرۇقى بېرىشتىن ئىبارەت . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ ؛
بېكەتكە خەت نۇسخىسى ھاسىللاش ۋە ئۇنى تور بېكەتكە قويۇش
ئەڭ ئاخىرىدا ھۆججەتنى ساقلاپ يەرلىك مۇلازىمىتىردىكى تور بېكىتىڭىزدە بەتنى يېڭىلاپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇسلۇبقا يېزىق تونۇتۇش ئۇسۇلى مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇپ ، ھۆججەت قىسقۇچنى قەيەرگە قۇرۇش مەسلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندا ، يېزىق تونۇتۇش مەسلىسىمۇ ئادەتتىكى بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما بۇ يەردە تۈگىدى . ھەقىچان بەك-بەك چۈشىنىشلىك بولۇپ كەتتى دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە ....

تارىختىكى بۈگۈندە:

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
كۆرۈش
مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :152    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   151   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar ئىبراھىم مېنىستىر

      خەت نۇسخىلرىنى ئۇ ئادرىستىن چۈشۈرەلمىدىم خاپا بولماي خەت ساندۇقىمغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن .
      unqi@foxmail.com

      • avatar قاۋۇلجان مېنىستىر

        مىنىڭچە ئۇسلۇبىڭىز شۇنداق چىرايلىقكەن خەت شەكلىنى تۇلۇق تەرجىمە قىلىڭ تور بىكتىڭىزنىڭ بەزى بىر يەرلىرنى خەنزۇچىدەك ھېس قىلدىم
        مۇئەللىم دىگەن سىزنىڭ بۇ بىلوگىڭىزغا ماس كەلمەپتۇ سىزنىڭ نامىڭىزغا چاغلىق نام قۇيۇڭ

        • avatar شامال مېنىستىر

          قانداق قىلىشنى كۆرۈپ باقاي قېنى

          • avatar سۇلتان مېنىستىر

            مىنىڭچە پەيزى تېما

            • avatar ئىزلەن مېنىستىر

              قانداق قوشۇشنى بىر كۆرۈپ باقاي

              • avatar ئىنتىزار مېنىستىر

                باھا يېزىپ كەتتىم مەن ھېچ گەپ يۇققۇ

                • avatar ئىنتىزار مېنىستىر

                  يەنە بىرسىناپ باقاي باھا تەستىقلانغاندا ئاندىن بەت يىڭىلىساق بۇلامدۇيا

                  • avatar نامسىز مېنىستىر

                    ياخشى تېما ئىكەن