بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

كېسەللىكنى تونۇش :

سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى ›› رىماتىزىمدىن بولغان سوڭەك ئاغرىشنىڭ بىرخىل ئالامىتى دەپ قاراپ كەلگەن ، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغان . ھازىر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈش›› دەپ توغرا تونوپ كەلمەكتە . ھازىرقى زامان زامانىۋى مىدىتسىنا پەن تىخنىكىسىنىڭ ئۇزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۈرلىشى بىلەن ، كىشىلەر رىنتىگىن CR، CT،MRI قاتارلىق ئىلغار ئۇسكۇنلەر ئارقىلىق سوڭەك ئوسكەن ئورۇن ۋە ئوسوش دەرىجىسىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئىنىق ھالدا بىلەلەيدۇ . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە بولغان تونوشى ، داۋالاش ئۇنۇمى جەھەتتە ناھايىتى يۇقۇرى ئۇنۇمگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.
بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى بولسا ، بويون ئومورىتقا ئوزگىرىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىر خىل چىكىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك بولوپ، تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ دىگەندە، بويون ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى ، ئومورىتقا بوغومى ، كومورچەك تارامۇش ، مۇسكۇل ،سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرشىدىن يۇلۇن،نىرۋا،قان تومۇر قاتارلىىقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مەسلەن : بېسىش ، غىدىقلاش ، تەڭپۇڭلىغىنى يوقىتىش ، غەيرى تەبىى خىلىتلارنىڭ بولوپمۇ غەيرى تەبىې سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كىلىپ چىققان بىر قاتار كىلنىك ئالامىتنىڭ يىغىندىسى، بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇرى ۋە ئالامىتى :

سوڭەك ئوسكەن ئورون ، قان – تومور ۋە نىرىپلارنىڭ بىسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى ، ئالامىتىگە ئاساسەن بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى 7 تۇرگە بولونىدۇ ، كىلنىك ئالامىتىمو ئوخشاش بولمايدۇ.
1) بويون تىپلىق:
كوپ خىل بويون ئومورىتقا كىسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى بولوپ ، كوپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرىتقى زەخمە ، بويون مۇسكۇللىرى چارچاش مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويوپ يىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش ، بشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويون قىسمى قىتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويون ھەركىتى توسقونلوققا ئۇچرايدۇ. بويون مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ. ئوزى ئەينەككە قاراپ تەكشۇرگەندە كورونەرلىك ئىششىش ، قىزىرىش ئالامىتى كورولمەيدۇ. ئوزى تەكشۇرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .
2) نېرىپ تىپلىق :
سوڭەك ئوسوكچىسى نېرىپنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مورە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئىچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويون ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى موچە كۇچسىز بولوش ، سىقىراش ، تۇتۇش كۇچى توۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
3) يۇلۇن تىپلىق :
سوڭەك ئوسوكچىسى يۇلۇننى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر توۋەن موچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۇچسىز بولوش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر - توۋەن موچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ.
4) ئومورىتقا ئارتىريەسى تىپلىق.
سوڭەك ئوسوكچىسى ئومورىتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كوڭلى ئىلىشىش ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كوپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويون بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويون شۇخىل ھالەتتىن ئوزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كىلنىك ئالامىتى يوقولىدۇ.
5) سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق:
يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كوپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويون ، يۇقۇر-توۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كورىلىدۇ)
6) يۇتقۇنچاق تىپلىق:
بويون ئومورىتقا ئالدى تەرپىدىكى سوڭەك ئوسوكچىسى يۇتقۇنچاقنىڭ كەينى تەرپىنى بېسىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كىلنىكىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئاساسلىق ئالامىتى : بويون قىسىمى ئاغرىش، قول سىقىراش ، يۇتقۇنچاقتا غەيرى سىزىم بولوش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، بەلغەم تۇرۇپ قېلىش سىزىمى بولوش بىلەن بىرگە نىرۋا ئاجىزلىق، كەم سوزلوك ، ئىشتىھاسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئالامىتىنىڭ ئىغىر يەڭگىل بولوشى سوڭەك ئوسوكچىسىنىڭ چوڭ – كىچىك بولوشى ، ئورنى ، شەكىلى ، بىلەن موناسىۋەتلىك.
7) ئارلاشما تىپلىق:
يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كىلىشى ئارلاشما تىپلىق بويون ئومورىتقا كىسەللىكى دىيلىدۇ.
يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كىسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كورولىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى ۋە مىخانىزىمى:

سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى ئانالىز قىلغاندا بۇخىل كىسەللىكنىڭ ئەڭ ئاسالىق سەۋەبى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبى ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبى سەۋدا خىلىتى ،موزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورونغا چوكمىگە چۇشۇشى تەسىردىن يەرلىك ئوروننىڭ نورمالنى ماددا ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كوپلەپ يىغىلىپ قىلىشى ، ئۇندىن باشقا سوڭەك كالتىسيسى بىلەن قان تەركىۋىدىكى كالتىسى ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقولىشى بىلەن سوڭەك تەركىۋىدىكى كالتىسى مىقدارى ئازىيىپ كىتىدۇ ، سوڭەكتە زەخمە ياكى ئاجىزلىشىش يۇز بەرگەندە شۇ ئورونغا بەدەندىكى كالتىسى يىغىلىپ ئورنىنى تولدۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نورمال دائىردىن ئىشىپ كەتكەندە سوڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىدۇ.

دىئاگىنۇز ئولچىمى

1) تىپىك كىلنىك ئالامىتى ، كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن
2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن .
5. سىلىشتۇرما دىئاگىنۇز :
1) بويۇن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇپ كىتىش كىسەللىكىدىن.
2) بويون ئومورىتقا تىبىركىلىيۇزىدىن .
3) بويون ئومورىتقا تۇزلىشىپ قىلىشتىن .
4) بويونغا يەل تۇرۇپ قىلىشتىن .
قانداق كىشىلەر ئاسانلا بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
1) ياش پەرقى جەھەتتە:ئوتتورا ياش ۋە ياشانغانلاردا نىسپەتەن كوپ كورلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، بويۇن ئومورىتقىسىنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك قېرىشى بىلەن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ شەكلى ئوزگىرىپ ، ئىلاستىكىلىغى ئاجىزلايدۇ ، ئومورىتقا يان قىرىدا سوڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىپ ، تارامۇشلا قىلىنلاپ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرىش يۇز بىرىدۇ ، بۇلار بولسا بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوشنى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى ئامىل.
2) كەسىپ جەھەتتە:ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى توۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ياكى بىشىنى دائىم مەلوم بىر تەرەپكە بۇراپ خىزمەت قىلغۇچىلاردا كوپ كورلىدۇ . بۇخىل كەسىپتىكىلەر ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ،خەت ئۇرغۇچىلار ، كومپىيۇتىر خىزمەتچىلىرى ، ئوپراتسىيە سېستىرالىرى ، ئۇزۇن مۇددەت مىكرۇسكۇپقا قارىغۇچىلار ، قاتناش ساقچىلىرى ....بۇخىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى توۋەن قىلىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بويون كەينى مۇسكۇل ، تارامۇش قاتارلىق توقولمىلاردا قېرىش يۇز بىرىدۇ ، شۇڭلاشقا كىسەل بولوش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.
3) ئوخلاش ھالىتى جەھەتتە:ياستۇقنى زىيادە ئىگىز ياكى زىيادە پەس ياكى ياستۇقنىڭ ئورنى موۋاپىق بولماسلىق بىلەن ئومورىتقا يان مۇسكۇل ، تارامۇش ، بوغوملار ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلىقنىڭ يوقولىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قېرىش يۇز بىرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ، ياستۇقنى ئىگىز قويوپ ياتقۇچىلاردا ئەكسىچە ‹‹بويونغا يەل تۇرۇپ قىلىش›› يۇزبىرىپ، بۇ خىل كىسەللىك ئەڭ كوپ كورىلىدۇ .
4) بويون ئومورىتقا ساھاسى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغانلاردا كوپ كورىلىدۇ .

داۋالاش پىرىنىسىپى :

1) تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسىسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتىلدۇ . ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋىتى يۇقىرى بولغان يىمەك- ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .
2) كېسەللىك ماددىسغا قارىتا مۇنزىچ ، مۇسھىل بىرىلىدۇ .
3) ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .
4) ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .
5) بويۇندىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ توسالغۇنى ئاچقۇچى ئىسسق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئوروننى ياغلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ .
6) كېسەللىكنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ۋە كېسەللىك ئۆزگۈرىشىگە قارىتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى :

1) مۇزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلتىدىن تەسىردىن كېلىپ چىققان بولسا، بەلغىمى سەۋدا خىلتىنىڭ مۇنزىچىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .
2) غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلتىنىڭ مۇنزىچىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .
3) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ،ماددا ئالمىشىشىنى كۇچەيتىپ بۇزۇق خىلىتلارنى تازلاش ئۇچۇن كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مائۇل ئۇسۇل ساددە ، مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ ، مەتبۇخى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
4) قاننى قىززىتىش ، بەدەن ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش ، توسولغۇلارنى ئىچىش ئۇچۇن مائۇل ھەسەل ساددە ، مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ .
5) سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن مەجۇنى چوبىچىن ، مەجۇنى سازەچ قاتارلىق دورىلار ياساپ بىرىلىدۇ .
6) قايسى خىل سەۋەپتىن كىلىپ چىققان سوڭەك ئوسوش بولسۇن بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن 1~3 كۇرۇسقىچە بويۇندىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ پەي – مۇسكۇللانى چىڭىتىپ بەرگۇچى ئىسسق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئوروننى ياغلاپ بىرىش كىرەك.

پىششىق دورىلاردىن :

1) ئاغرىق پەسەيتىش ، ماددىلارنى تارقىتىش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسەتتە كاپسولى سورونجان ، مەجۇنى سورونجان ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى يەھيا ، ھەببى كۇرسىنگى ، ئىتتىرفىل كەبىر قاتارلىق دورىلار تاللاپ بىرىلىدۇ.
2) ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۇچى دورىلاردىن نارپىننە ئىچىملىكى، جاۋارىش ئۇدتۇرۇش ،ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئەنبەر ، خىمىرگاۋزىبان ئەنبىرى ، ئىتتىرفىل ئۇستىقۇددۇس ، مەجۇنى نۇجاھ ، خىمىر مەرۋايىت، شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى،داۋائىل مىشكى ، ئەبرىشىم جەۋھىرى، ئۇستىقۇددۇس ئىچىملىكى، بادرەنجى بۇيا شەربىتى، قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .

ئاقىۋىتى :

ۋاختىدا توغرا داۋلاش ئىلىپ بارمىسا ياكى داۋالاشقا ياخشى ماسلاشماي شۇخىل كىسەللىكىنى قوزغاتقۇچى ئىشلاربىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغاندا يەڭگىل بولغاندا بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلەر ئىغىرلاش ، ئىغىر بولغاندا تۇيۇقسىز مىڭىگە قان چۇشۇپ پالەچلىنىش ، ياكى ھاياتى خەۋىپكە ئۇچراش كىلىپ چىقىدۇ .

داۋالاش ئۇنۇمىگە باھا بىرىش ئولچىمى :

1) ساقىيىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كىسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان
2) ياخشىلىنىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىنىڭ كوپ قىسمى يوقالغان ئاز قىسمى قىپ قالسا
3) ساقايماسلىق ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش .
بويون ئومورىتقا كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
بويون ئومورىتقا كىسەللىكى بىرخىل ئاستا خارەكتىرلىك چىكىنىش تىپتىكى كىسەللىك بولوپ ، كىسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن ، بىمارغا نىسپەتەن تۇرمۇش ، ئۇگۇنۇش ، خىزمەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قۇلايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىمارلار ۋاختىدا داۋالىنىش بىلەن بىرگە توۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ بىرىشى كىرەك.
1) كۇندىلىك تۇرمۇشتا بويوننىڭ نورمالنى ھەركەت ھالىتىنى ساقلىشى ، ئۇخلاشتا موۋاپىق ياستۇقنى تاللىشى ، يەنى بەك ئىگىز ۋە بەك پەس بولماسلىغى ، ئادەتتە ياستۇق ئىگىزلىكى 10 سانتىمىتىر بولسا موۋاپىق . شۇنداقلا بويوننىڭ قاتتىق قايرىلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
2) ئۇزۇن مۇددەت بويوننى ئىگىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ،بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلغاندىن كىيىن موۋاپىق تۇردە بويوننى ھەركەتلەندۇرۇپ ، بويۇن مۇسكۇلى ، تارامۇشلارنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
3) دائىم بەدەننى ئىللىق ساقلاش، سوغوق ئوتوپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
4) تاماق ۋە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىش كىرەك. يەنى قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، قورولغان ، قۇۋەتلىك غەلىز غىزالاردىن ۋاختىنچە پەرھىز قىلىپ ، سىڭىشلىك ، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزوقلىنىش كىرەك.

مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :4    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   4   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar alwun ۋالىي

      ھەي …
      بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئالامەتلەر مەندە كۈرلىۋاتىدۇ بۇيۇن ئاغرىقى كۈندە دىگۈدەك قوزغۇلۇب مىنى بىئارام قىلماقتا ، بۇ كىسەل بىلەن دوس بۇلۇپ باققانلار بولسا ئورتاقلاشساق بىز بىر -بىرىمىزدىن ئايرىلالمايغان دىرىجىگە بىرىشتىن ئىلگىرى ئادا جۇدا بۇلۇپ كەتسەم .
      دوسلارنىڭ بىشىدىن ئۈتكەن كەچمىشلىرىگە جۈر بولسام …

      • avatar ئالۋۇن ھاكىم

        مەن سەزمەپتىمەن سايەمگە قاراپ باقسام دوڭغاقلاپ ماڭىدىغان بۇلۇپ قالغاندەك …

        • avatar بىلىمنۇر يېڭى مىھمان

          كومپۇتېر ئالدىدا ئۇزاقراق ئولتۇرساملا بوينۇم ئېغىرلىشىپ قاراسلاپ كىتىدۇ ، بىر نەچچە كۈن يېقىن كەلمىسەم بوينۇم باشقىچە راھەت،

            • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

              @بىلىمنۇر ئىمكان بار بەك ئۇزاق ئولتۇرماڭ ، بولمىسا بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈش ، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاش ، چاچ-ساقاللار ئاقرىش خاراكتىرىلىك يىغىندا كېسەللىكلەر بىلەن دوست بولۇپ قالسىز …