يۇقىرى قان بېسىمىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

باش پىياز بىلەن قارا گۆشنى قۇرۇش ئارقىلىق ئارتېرىيە – ۋىنا تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
150 گىرام باش پىياز، 50 گىرام قارا گۆش، جىياڭيۇ، ماي، تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا تەم تەڭشىگۈچ تەييارلايمىز.
باش، پىياز، قارا گۆشنى ئۇششاق توغرايمىز. ماينى قۇيۇپ، گۆشتىن كېيىن باش پىيازنى سىلىپ قورۇيمىز، تېتىقۇ سالىمىز.
2.لامنارىيە- ماش شورپىسى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش.
150 گىرام لامنارىيە، چىلاپ پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرايمىز. 150 گىرام ماشنى پاكىز يۇيىمىز. ھەممىنى قازانغا سىلىپ تاكى ئىزىلىپ پىشقىچە دۈملەيمىز. قارا شىكەر بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن ئىچىمىز.
3. ئاچچىق كاۋا- كەرەپشە شورپىسى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش
500 گىرام كەرەپشە (بۆلەك)، 60 گىرام ئاچچىق كاۋا (پارچە). ئىككىنى شورپا قىلىپ ئىچىمىز. كەرەپشە بىلەن 300 گىرام چىلان (3~4) نى دۈملەش ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمىدىن كېلىپ چىققان باش قېيىش، كۆز چىقىش، قۇلاق غوڭۇلداش، يۈرەك سىقىلىش، جىددىيلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
4. يېڭى كەرەپشە شەربىتى بىلەن داۋالاش
200 گىرام كەرەپشىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قايناقسۇدا 2 مىنۇت قاينىتىپ، ئۇششاق كىسىپ، داكىدىن ئۆتكۈزۈپ شىكەر بىلەن بىلەن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىستىما قىلىمىز. كەرەپشە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، جىگەرنى تىنىچلاندۇرىدۇ، سىپازمىنى بوشىتىدۇ، ئاشقازان يىنىشنى داۋالايدۇ، سۈيدۈك ھەيدەش رولىغا ئىگە. باش قېيىش، باش ئاغرىش، چىرايى ئادەتتىكىدىن قىزىل بولۇش، ھاياجانلىنىشتىن كىلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماش كىلىدۇ.
5. ناۋات-پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شوۋىگۈرۈچى ئارقىلىق داۋالاش
مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، 60 گىرام گۈرۈچ، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات تەييارلايمىز.
پۇرچاق ئۇيۇتمىسى سۈيىگە گۈرۈچنى سىلىپ، ياخشى دۈملىگەندىن كېيىن ناۋات سىلىپ بىر ئىككى قېتىم قايناتساقلا بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، چىرايى تاتىرىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق كۆپ چۈشكۈرۈش قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
6. ئاچچىقسۇغا چىلانغان خاسىڭ مىغىزى ئارقىلىق داۋالاش
مۇۋاپىق مىقداردا خام خاسىڭ، ئاچچىقسۇ تەييارلاپ، 7 كۈن ئەتراپىدا چىلايمىز. ھەر كۈنى ئەتىگەن – كەچ 10 تالدىن ئىستىمال قىلىمىز، قان بېسىم تۆۋەنلىگەندىن كېيىن بىر كۈن پەرىقلەندۈرۈپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
قىزىتمىنى قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى داۋالاش، كاپلىيار نەيچە دىۋارىنى قوغداش، قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: