WordPress نىڭ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر قىسىم دوستلار «WordPressتېخنىكىسى» توپىدا بىلوگنىڭ WordPress سىستېما نەشرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ، تۆۋەن نەشرگە چۈشۈرۈشنى بىلمەيۋايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقى ئۈچۈن ، شۇلارغا ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن بۇ يازمىنى تەييارلىدىم .
WordPress سىستېمىسى ناھايتى تىز يېڭىلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى ، بىز نۆۋەتتە 4.6.1 ھەقىقىي نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزدا ،4.7 سىناق نەشىرى ئېلان قىلىنىپ بولدى .
نەشرنى يېڭىلاش بىلوگنىڭ بىخەتەرلىكى ، كۆرۈنمە يۈز ، ئىقىتدارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك روللارنى ئوينىسىمۇ ، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ يېڭى نەشىرگە ماسلاشماسلىقى ۋە بىر قىسىم ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋۋاتقان قىستۇرمىلارنى قوللىماسلىق قاتارلىق مەسلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە يېڭى نەشرنى ئىشلەتكەننىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بار .
ئەگەر ئۇسلۇبىڭىز ياكى قىستۇرمىڭىز ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن ، نەشرنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ .

تەييارلىق باسقۇچ

1.بوشلۇق غول مۇندەرىجىڭىزدىكى «wp-content»ھۆججەت قىسقۇچى ۋە «wp-config»ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ زاپاسلىۋىلىڭ .
WordPress نىڭ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش
يۇقىردىكى رەسىمدىكى(1-رەسىم ) رامكىغا ئېلىنغان ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەرنى زاپاس ساقلىۋىلىڭ ھەمدە ئۆچۈرمەڭ ، ئۆچۈرمەڭ ، ئۆچۈرمەڭ ! بولۇپمۇ «wp-content»ھۆججەت قىسقۇچى ۋە «wp-config»ھۆججىتىنى ئەسلا ئۆچۈرۈپ تاشلىماڭ ......
2.تۆۋەندىكى (ئىككىنچى رەسىم) رەسىمدە رامكىغا ئېلىنغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى تولۇق ئۆچۈرۈڭ .رامكىغا ئېلىنمىغانلىرى بوشلۇقتا قىلىپ قالسۇن ......
WordPress نىڭ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش
يۇقىرىقى رامكىغا ئېلىنغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى تولۇق ئۆچۈرۈڭ ، قالسۇن دېگەن ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى چۈشۈرۋىلىڭ ھەم بوشلۇقتىن ئۆچۈرۋەتمەڭ .

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: