WordPressنىڭ سىستېما ، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما يېڭىلاشلىرىنى چەكلەش

مەرھابا ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بەزىدە بىلوگنىڭ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىنىمدە ، «سىستېمىنىڭ يېڭى نەشرى چىقتى ، يېڭىلىۋىلىڭ ، ئۇسلۇبنىڭ يېڭى نەشرى چىقتى ، يېڭىلىۋىلىڭ ، قىستۇرمىنىڭ يېڭى نەشرى چىقتى ، يېڭىلىۋىلىڭ » دېگەندەك يېڭلاش ئەسكەرتمىلىرىگە تويۇپ كېتىمەن . بەزىدە ئىھتىياج تۈپەيلى يېڭىلاپ قويىمەن ، يەنە بەزىدە مىڭبىر جاپادا ئۆزلەشتۈرگەن ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ، نۇرمال ئىشلەۋاتقان قىستۇرمىلىرىمنى يېڭىلىماي تاشلاپ قويىمەن . بۇنداق چاغدا «يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى» ھەر قېتىم ئارقا بەتكە كىرگەندە كۆزۈمگە قادىلىپلا تۇرىدۇ .....
بەلكىم باشقا بىلوگگىرلارمۇ بۇ ئەسكەرتمىلەردىن ماڭا ئوخشاشلا زىرىكىدىغاندۇ . يېڭىلغاننىڭ زىيىنىغۇ يوق ، ئەمما يېڭى نەشردىكى قىستۇرملارنى دائىم ئۆزلەشتۈرۈشكە زېھىن ، ۋاقىت كېتىدۇ .
مۇشۇنداق زىرىكىش ئىچىدە تۇرغىنىمدا ، تۆۋەندىكى كودلار ئۇچراپ قالدى ، بۇ كودلار ئارقىلىق ، يېڭىلاش ئەسكەرتمىلىرىنى چەكلىگىلى بولىدىكەن .....

كودلار سەپىرى

ئۇسلۇب يېڭىلاش ئەسكەرتمىسىنى چەكلەش
تۆۋەندىكى كودنى functions.php ھۆججىتى ئىچىدىكى ?> ئۈستىگىلا قىستۇرۇڭ ؛

  1. remove_action ('load-update-core.php', 'wp_update_themes');
  2. add_filter( 'pre_site_transient_update_core', create_function( '$a', "return null;" ) );

قىستۇرما يېڭىلاش ئەسكەرتمىسىنى چەكلەش
تۆۋەندىكى كودنى functions.php ھۆججىتى ئىچىدىكى ?> ئۈستىگىلا قىستۇرۇڭ ؛

  1. remove_action( 'load-update-core.php', 'wp_update_plugins' );
  2. add_filter( 'pre_site_transient_update_plugins', create_function( '$a', "return null;" ) );

WordPress نىڭ نەشىر يېڭىلاش ئەسكەرتمىسىنى چەكلەش
تۆۋەندىكى كودنى functions.php ھۆججىتى ئىچىدىكى ?> ئۈستىگىلا قىستۇرۇڭ ؛

  1. remove_action( 'load-update-core.php', 'wp_update_themes' );
  2. add_filter( 'pre_site_transient_update_themes', create_function( '$a', "return null;" ) );

كودلارنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن ساقلاشنى ئۇنتۇماڭ .

ئەسكەرتىش

سورايدىغان مەسىلە بولسا يازما ئاستىغا ياكى پىكىر دەپتىرىگە سۆز قالدۇرۇڭ

مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: