مۇئەللىم بىلوگى ۋە مۇئەللىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئىككى يىرىم ئايلىق ئايرىلىش سەۋەبىدىن بىلوگقا يازمىمىۇ يوللانمىدى . گەرچە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ، بىلوگدا يېڭلىنىش بولمىدى . بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم دوستلىرىمىزغا ئايان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىزغا ئايان ئەمەس ....
سەۋەب ؛
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكتەپتە خىزمەت ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە يىقىلدىم ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلدۇم ، دەسلەپكى دىئاگنۇز «يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى» دەپ قويۇلدى ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسى ، ئارقىدىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى غوللۇق دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن كېسەللىك كونتىرۇل قىلىندى ھەمدە دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىغا يۆتكۈلۈپ ، كۈچ ئۇلاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلدىم .
يۈرەكنى سايىلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش «造影»نەتىجىسىدە كېسەللىك دىئاگنۇزى «يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى + يۈرەك ئىقتىدارى 2-دەرىجە» دەپ ئېنىق بىكىتىلدى .
مۇشۇ خىل تەقدىر-قىسمەتلەر تۈپەيلى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرى جاۋابىسىز قېلىش بىلەن بىرگە ، كەڭ بىلوگگىر دوستلارغا روھىي ئوزۇق بولىۋاتقان مۇئەللىم بىلوگىمۇ بىر مەھەل چۆلدەرىدى .
نۆۋەتتە سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلماسلىق ۋە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت قىلىنغاچقا ، يەنىلا ئارام ئېلىش ئاساسىدا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتىمەن . يەنە دىققەت قىلمىسام يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش بىلەن ھەر ۋاقىت ھاياتىمغا خەۋپ يېتىشى تۇرغانلا گەپ .....
بۇندىن كېيىن بىلوگ ئاستا بولسىمۇ ھەر ھالدا يېڭىلىنىڭ بارىدۇ ، بۇرۇنقىدەك تىز بولماسلىقىمۇ مۇمكىن .
بىلوگ مېنىڭ ئىشتىن سىرىتقى قىزىقىشىم ، ئەمما تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى ئەمەس . بىلوگمۇ بۇرۇنقى يېزىش ئۇسۇلىدىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا ، ئۆز يۆنىلىشىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرلىدۇ .
مۇلازىمەتكە ئىھتىياجىلىق دوستلار بولسا ، ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان مۇلازىمەتنى ئەستايىدىل ۋە ئەتراپلىق خاتىرلىگەندىن كېيىن ، بىلوگدىكى ئالاقە قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە ئەۋەتىپ بەرسە ، ۋاقىتنى ئۆزئارا كېلىشىپ ، پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ياردەمنى تاماملاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن . ئەمما پۈتۈشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن ئالدىراتقانلار ۋە ياكى لايىھەنى تەكرار ئۆزگەرتكۈچىلەر كۆرۈلسە ، ياردەم بېرشنى ھەر ۋاقىت رەت قىلىمەن . شۇڭا ئەتراپلىق ۋە ئەستايىل ئويلىنىپ لايىھە تۈزۈپ ئەۋەتىڭ ....
مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى كەڭ دوستلارغا كەلتۈرگەن ئارۋارىچىلىقلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن !!!

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :13    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   13   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئارال مېنىستىر

      مۇئەللىم يۇقارقى كىسەل دادامدىمۇ ئېغىرراقى بولغان كىيىن يۈرەك تومۇرىغا كۆۋرۈك سالمىساق ئىش چاتاق ئاخىرقى باسقۇچ دەپ باشتن تۇتۇن چىقاردى.
      بۇ كىسەلنىڭ سەۋەبى :
      1.كىسەل بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ،لىكىن بىرە قېتىم قوزغالمىغان كىشلەر شۇ كىسەلنىڭ قوزغۇلىشىغا پايدىلىق قاتتىق ئىش ھەركەت قىلغان سەۋەپتىن يۇرۈك تىقىلما بولۇپ سانجىق بولىدىكەن.
      2.تۇيۇقسىز كۆڭلى ناھايتى بىئارام بولدىغان خەۋەرنىڭ دەستىدىن يۇشۇرۇن كىسەل قوزغىلدىكەن.
      3.مايلىق يىمەكلىك ،قوي كالىنىڭ ئىچىكى ئەزاسىنى كۆپ يىگەنلىكتىن ،ھوردا پشىقان تاماقنى كۆپ يىگەنلىكىتىن بۇ كىسەل چىقىدىكەن.
      يۇقارقىلاردىن ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغىنى يىمەكلىكىتىن بولغىنى ئەڭ چاتاقكەن….
      دادام ھازىر سەللمىزا ساقيدى…ساق بىر يىلدىن ئاشتى….تامىقىدا قەتئىي قورىغان تاماق زادى يىمىدى.كاللا پاچاق ،قوي گۆشى دىگەنلەرنى پەقەت يىمىدى….دوختۇرغا قايتا تەكشۈرگىلى ئاپارساق سالامەتلىكى ئەسلىگە كەپتۇ بەرگەن دورانى ۋاقتىدا يەپ تاماقنى يۇقارقى تەلەپ بويىچە داۋاملاشتۇرشنى ئېيىتتى….بازاردىن قەتئى تاماق يىمەڭ دىگەننى ئالاھېدە تاپىلىدى….
      سزنىڭمۇ سالامەتلىلىڭىزنى ئاسراپ زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

        • avatar ئىقبال بېكەت باشلىقى

          @ئارال كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ، مەنمۇ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ،ھازىر ئۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن يىراقلاشتىم .

        • avatar ئابلەت يېڭى مىھمان

          تىنىڭىز سالامەت بولسۇن ، ئۆزىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن ….

          • avatar ئەلسىھەت يېڭى مىھمان

            ھىلىمۇ ياخشى ۋاختىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ. ياخشى ئارام ئېلىڭ.

            • avatar قاسىمجان ۋالىي

              ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ماۋۇ يازمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن، نىمىشقا يوقاپ كەتكەنكى دېسەم ئەسلى مۇنداقكەندە…. ئوبدان داۋالىنىپ كۆرەپ دەم ئېلىڭ سالامەتلىڭىزنى ئاسراڭ.، ھەرگىز بىھۇدە ئېغىر چارچىۋالماڭ ،

              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                @ھاجىرەھمەت، دېگىنىڭىز كەلسۇن !

                • avatar ئۇيغۇربەگ ھاكىم

                  ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.
                  ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك مۇئەللىم ئاغا، باشقا ئىشلارنى ئالدىرىماي قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقتىڭىزنى كۆپرەك ئۆزىڭىزگە ئاجرىتىڭ.. :sad:

                  • avatar شادىمان يېڭى مىھمان

                    سالامەت بولۇڭ ئاكىىجان ئوزىڭىزنى كوپ ئاسىراڭ :neutral: :neutral: :neutral: :neutral: :neutral:

                    • avatar شادىمان يېڭى مىھمان

                      ھە شۇ تۇنجى قىتىم كورۇشكەن جايىمىز باشلانعۇچ مەكتەپ