ckplayer قويغۇچىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش

مەرھابا ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

ئالدىنقى يازمىمىزدا ckplayer قويغۇچىسىنى WordPress بىلوگىلىرىغا قېتىش توغۇرلۇق يازما يوللىغاندىن كېيىن ، بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار قاتالمىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار ckplayer قويغۇچىسىنى بىلوگقا ئۇتۇقلۇق قاتتى ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر قاتار قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى . بۇ مەسلىلەر تۆۋەندىكىچە :

1. «加载失败» دەپ چىقىۋالدى ۋە قوشقان فىلىم ھۆججىتى قويۇلمىدى .
جاۋابى : «加载失败» نىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، 2-باسقۇچتىكى ckplayer.xml ئىچىدىكى ئادرېسنىڭ توغرا قويۇلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن . ئىككىنچى باسقۇچنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقامسىز ؟
ئەسكەرتىش : ئالدىنقى يازمىنىڭ ئىككىنچى تۈرىگە قاراڭ :
ckplayer ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ckplayer.xml ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ، تۆۋەندىكى قۇرنى ئۆزگەرتىڭ :

  1. <flashvars>{p->1}{b->1}{s->2}{l->}{r->}{t->}{f->http://بىلوگ نامىڭىز/wp-content/themes/ئۇسلۇبىڭىز ھۆججەت قىسقۇچ نامى/ckplayer/video.php?url=[$pat]}</flashvars>    

2. قويغۇچ ۋە فىلىم قېتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى ، ئەمما ، فىلىم تېلېفۇندا قويۇلمىدى ؟
جاۋاب : مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندىم ، ئالدىنقى قېتىم «گۈلبۇلاق گىرافىگى» نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ «نۇرقۇت مۇنبىرى» دىكى ckplayer توغرىسىدىكى ياردەم تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، خەنزۇ يولداشلارنىڭ بىلوگىدىن ckplayer قويغۇچىسى ئاساسدىكى قىستۇرمىنى تاسادىپى بايقاپ قېلىپ ، قاچىلىغاندىن كېيىن ، قولايلىقىنى ۋە تېلېفۇندىمۇ قويۇلىدىغانلىقىنى سەزگەن ۋە «گۈلبۇلاق گىرافىگى» نىڭ قۇرغۇچىسىغا تەۋسىيە قىلغان ئىدىم . كېيىن قىستۇرما ئىشلەتمەي ، ckplayer قويغۇچىسىنى بىلوگقا قېتىش توغۇرلۇق ئىزدەنگەندىن كېيىن ، گەرچە بىلوگقا قېتىش ئۇتۇقلۇق بولغان بولسىمۇ ، ئەمما قوشقان فىلىم تېلېفۇندا قويۇلمىدى .(بەلكىم بۇ مەسلىلەر ckplayer قويغۇچىسىنىڭ كېيىنكى نەشىرلىرىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش يەنىلا داۋاملىشىدۇ .)
كېيىن بىلوگ سىستېمىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن بۇ قىستۇرما نۇرمال ئىشلىمىدى . كەڭ دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە ، بىلوگ سىستېمىسىنىڭ نەشىرىنى 3.8.1 گە تۆۋەنلىتىپ سىنىغاندىن كېيىن ، بۇ قىستۇرما نۇرمال ئىشلىدى . ھەم قوشقان فىلىم تېلېفۇندىمۇ نۇرمال قويۇلدى .

قىستۇرما تەسىراتى

1. قىستۇرما ئارقىلىقمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز .
2. تېلېفۇندا قويۇش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كىشىنى خۈشال قىلىدۇ . بۇنىڭغا ئۈستىدىكى فىلىمنى تېلېفۇندا ئېچىپ كۆرگەندىن ، ئۆزىڭىز باھا بېرىڭ .
3. فىلىم قوشۇش ئۇسۇلى ناھايىتى قولايلىق . يەنى قىستۇرمىنى قاچىلىغانىدن كېيىن ، يازما تەھرىرلەش رامكىسىنىڭ كۆرۈنمىلىك ھالىتىدە ، قوراللار قاتارىدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىر قورل سېن بەلگىسىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز :
ck
شۇ سېن بەلگىنى چىكىش ئارقىلىق ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن فىلىم قوشۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .
4. قىستۇرما سىناش باسقۇچىدا بولغاچقا ، ھازىرچە تەرجىمە قىلىنمىدى ، سىناش باسقۇچىدىن ۋە كەڭ دوستلارنىڭ سېنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ، كەڭ بىلوگگىر دوستلارغا تەمىنلىنىدۇ .

كۆرۈلگەن مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار تىز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىشكە تىرىشمەن .

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :7    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   6   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar - Nejmi ھاكىم

      cntv نىڭ فىلىملىرىنى قويالامۇ ؟ مۇشۇ توربەتتىكى فىلىملەرنى قويالايدىغان قويغۇچ بولسا بولاتتى …

        • avatar مۇئەللىم

          @- Nejmi مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياسايدىغانلار بار،شۇلارغا بۇيرۇتۇپ ياساتساق cntv نىڭ فىلىملىرىنى قويالايدۇ ،باھاسى 200-300گىچە چىقىدۇ .بىر يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى بار……

        • avatar شۇڭقار يېڭى مىھمان

          مەرھابا ، مەن بىر ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولۇپ قوزغاتقاندىن كىيىن نورمال قوزغالدى، كىيىن باشقۇرۇش بىتىگە كىرسەم ئىكران ئاق بولىۋىلىپ ھېچقانداق ئۇچۇر چىقمايۋاتىدۇ، باش بەت نورمال ئەمما باشقۇرۇش بىتى ۋە باشقا تەھرىرلەش رايونلىرىغا كىرسەم ئوخشاشلا ئاق بەت ئىچىلىپ ھىچقانداق ئۇچر چىقمايۋاتىدۇ . مەن يىڭى ئۈگەنچى بولغاچقا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم ، بىلىدىغان دوسلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار .

          • avatar نوقۇت. ھاكىم

            بۇ غۇ تازا ياخشى ئىشكەن بىراق مەن خاتا مەشغۇلات قىلدمۇ قانداق ئۈنۈمگە ئېرشەلمدىم شۇنداقتمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتمەن

            • avatar بەھرام يېڭى مىھمان

              مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغىلى بۇلارمۇ؟

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @بەھرام مېنىڭچە بولىدۇ . ئۇسلۇب ئالماشتۇرسام ، فىلىم قويۇلمىدى ، ساپ كود ھالىتىدىكى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولسا ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ .

                • avatar دوغاپ نازىر

                  ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، قىستۇرمىنىڭ ئىشلىمەسلىكى ۋوردپرەس تەھرىرلىگۈچىنىڭ نەشىر كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. يەنى قىستۇرمىدا ئىشلىتىلگەن بىر فۇنكىسيەنىڭ يېڭى تەھرىرلىگۈچتە چىقىرۋېتىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئەمما ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن بۇنى ھەل قىلىشقا ئۈلگۈرمىدىم.