ئەخلەت ئىنكاس (spam) نى توسۇش (1)

مەرھابا ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلاردا ئەخلەت ئىنكاسنى (spam) توسۇش ھەقىقەتەن باشنى قاتۇرىدىغان قېيىن مەسىلە . تەستىق نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملاش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ ياكى ، ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا «سىيىرىلما ھالەتتە قۇلۇپلاش» قىستۇرمىسى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بەرىبىر ئەخلەت ئىنكاسلاردىن قۇتۇلالمايمىز . يۇقارقى ئۇسۇللار تىزىملاش جەدىۋەللىرىنىڭ ئەخلەت ئىنكاس ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئاپتۇماتىك تولدۇرلىشىنى كونتىرۇل قىلسىمۇ ، ئەمما ئەخلەت ئىنكاسلارنى يەنىلا توسالمىدى .
ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ئىزچىل بۆسۈپ كىرىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟ ئەمەلىيەتتە ئەخلەت ئىنكاس ماشىنىلىرى تىزىملاش جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇش ئارقىلىق ئەخلەت ئىنكاس يوللىماستىن بەلكى ، WordPress بېكەت سىستېما ھۆججىتى ئىچىدىكى wp-comments-pos.php ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ئوقۇش ئارقىلىقلا ئاپتوماتىك ئەخلەت ئىنكاس يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
spam نىڭ پىرىنسىپى مانا مۇشۇنداق ، بۇنداق ئەھۋالدا بىز wp-comments-pos.php ھۆججىتىنىڭ ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، ئەخلەت ئىنكاس ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەخلەت ئىنكاس يوللاشتىكى كىرىش ئىغىزىنى توسۇۋىتىش ئارقىلىق ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ھۇجۇمىنى تۇسىيالايمىز .
مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكىچە :

ئەخلەت ئىنكاسلارنى توسۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

  • Wordpress سىستېما ھۆججەتلىرى غول مۇندەرىجىسىدىكى wp-comments-pos.php نىڭ نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قويۇڭ ، مەسىلەن : spam-pos.php دېگەندەك .
  • ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، ئىنكاس قىلىپ ھۆججىتى comments.php ئەسلىدىكى wp-comments-pos.php تاپالماسلىق سەۋەبىدىن خاتالىق كۆرۈلۈشى تۇرغانلا گەپ ، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككىلەنمەي wordpress/wp-includes/comment-template.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ، wp-comments-pos.php ھۆججەت نامىنى ئىزدەپ تېپىپ ، بۇ ھۆججەت نامىنى بايىقى ئۆزگەرتكەن ھۆججەت نامى spam-pos.php غا ئالماشتۇرۋىتىڭ .

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن ئەخلەت ئىنكاسلاردىن قۇتۇلىسىز . ئەخلەت ئىنكاسنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى wp-comments-pos.php ھۆججىتىنى ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى مۇندەرىجىسىگە يۆتكىۋىتىش . بۇ خىل ئۇسۇلنى كېيىنكى يازمىمىزدا تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز . ھازىرچە مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرگەيسىزلەر .

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :3    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   3   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar α LoVe Epar يېڭى مىھمان

      دىلمۇرات

      • avatar سالىھ بىگ ھاكىم

        ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئەخلەت ئىنكاسنى توسساق باشقا خاتالىق ياكى بىرەر ئىش چىقماسمۇ .

          • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

            @سالىھ بىگ @سالىھ بىگ : ئۇنداق بولمايدۇ ، سىز ھۆججەتنىڭ نامى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ھۆججەتنى ئىجرا قىلىشتا تەلەپ قىلىدىغان ھۆججەت ئىچىدىكى نامىنىمۇ ماس قەدەمدە ئۆزگەرتىسىز ئەمەسمۇ ! :smile: