WordPress ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۆزگەرتىش

مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress بىلوگلىرىدا WordPress نى دەسلەپ قاچىلىغاندا بىكىتكەن ئىشلەتكۈچى نامىنى ئادەتتە ساندان باشقۇرۇشتىن ئۆزگەرتمىسە ، بىلوگ ئارقا بېتىدىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . بەزى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر WordPress نى يېڭى قاچىلغاندا ، ئىشلەتكۈچى نامىغا بىلىپ-بىلمەيلا admin نى ئىشلىتىپ قالىدۇ . admin دىن ئىبارەت ئىشلەتكۈچى نامى كۆپلىگەن بۇزغۇنچىلارنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان بىلوگقا ھۇجۇم قىلىشىدىكى نام بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، ئىمكان بار ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى .
ئەگەر ئۆرگەرتىۋىتىش ئويىڭىز بولسا ، ساندان باشقۇرۇشقا كىرمەيمۇ تۆۋەندىكى ئىككى قۇر كود ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكەن كودنى ئۆچۈرۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .....

كودلار سەپىرى

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. global $wpdb;   
  2. $wpdb->query( " 
  3. UPDATE wp_users 
  4. SET user_login = 'ئەسلىدىكى ئىشلەتكۈچى نامى ' 
  5. WHERE user_login = يىڭى ئىشلەتكۈچى نامى'; 
  6. " );  

ئەسكەرتىش

1. ئىشلەتكۈچى نامىنى لاتىن يېزىقىدا يېزىشنى ئۇتۇماڭ
2. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكەن كودنى ئۆچۈرۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :10    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   10   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar تەشنايى ۋالىي

      ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
      نەچچە كۈن كىرمىسەم ماۋۇ بلوگدا باش سۈرەتلەر تىزىلىپ كىتىپتا! ھەممىسى ئادەمگە تىكىلىپ قايلاپ تۇيغاندەك بىلىنىدىكەن ئاينا!

      • avatar بەگمۇرات يېڭى مىھمان

        ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ،
        www.wix.com دا ھەقسىز بىلوگ قورغىلى بۇلىدىكەن . بەلكىم بىلوگ قۇرماقچى بولغان قېرىنداشلېرىمىزغا ياردىمى بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئاتىكاچىلىق قىپ قويمىغاندىمەن ھە ھى. ھى…. :grin: :smile:

          • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

            @بەگمۇرات ياق ، ئاتىكاچىلىق قىلمىدىڭىز ، ئەمدى شۇ ھەقسىز بوشلۇقنى ئىلتىماس قىلىش ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ، بىلوگىڭىزغا بىر يازما يوللىغان بولسىڭىز يامان ياغدەك ئىش بولاتتى ……مەندەك ئېنگىلىسچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن !

          • avatar ئېزىتقۇ ھاكىم

            مەن سىناپ باقتىم ،قاملاشقاندەكقۇ ،رەھمەت مۇئەللىم! :mrgreen:

            • avatar دوغاپ نازىر

              مۇئەللىم، كونا يېڭى ئىككىسى ئالمىشىپ قالغاندەكقۇ؟

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @دوغاپ ئۇنداق ئەمەس ، مەن خەنزۇچە يازمىدىكى كودنى كۆچۈرۈپلا كەلدىم …..

                    • avatar دوغاپ نازىر

                      @مۇئەللىم مۇئەللىم، راسلا خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئۆگەنگىنىم مېنىڭچە خاتا ئەمەس…

                        • avatar سالىھ بىگ ھاكىم

                          @دوغاپ بىر سىناپلا قىلىپ باقمامسىلە مەۋھۇم مۇھىتتا…ھازىر قايسىڭلارنىڭ توغرا مەنمۇ بىلەممەي قالدىم .