Word2013 تە بىلوگقا يازما يوللاش

ھەر يىلدا يېڭى بىر مودا .
ئۇنداقتا ، بىز بىلوگگىرلار 2014-يىلى نېمىنى مودا قىلساق بولار ؟
ئەگەر بۇ ئۇسۇل سىزگە يېقىپ قالسا ياكى قولايلىق بىلىنسە ،" word2013 تە بىلوگقا يازما يوللاش " ئۇسۇلىنى مودا قىلايلىمىكىن ؟!
بۇ قانداق ئۇسۇل دەمسىز ؟
بۇ ئاددىلا بىر خىل ئۇسۇل ، ئەگەر قىزىقسىڭىز ، تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ .....
يەڭنى شىمايلاپ باشلاپ كېتەيلى ئەمىسە ؛
word 2013 نى ئېچىڭ-دە , تۆۋەندىكى رەسمدە كۆرسىتىلگەن قەدەم باسقۇچلار بويىچە ، ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن يۆنىلىشتە مەشغۇلاتنى تاماملاڭ ۋە تۈنجى يازمىڭىزنى يوللاڭ .....
مەشغۇلات جەريانى :

1 2 3 4 5 6 7 8 9

يازمىنى يېزىپ ، رەسىمنى قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا ، ئاۋۇ يەرنى بېسىشنى ئۇنتۇماڭ ...

10

مۇشۇنىڭ بىلەن سىز بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرمەيلا ، بىۋاستە word 2013 تە بىلوگىڭىزغا يازما يوللاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز .....

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر نوقتا ؛ سىز رەسىمنى ئارقا بەتتىن قىستۇرىمەن ، دەپمۇ ئويلىماڭ ، word2013 قىستۇرۇپ قويۇپلا يوللاۋىرىڭ . ئاندىن ئارقا بەتكە ئۆتۈپ ، يازمىلار - ئارگىنال - تەھرىرلەش - يېڭىلاشنى يېنىك بېسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
بۇ يازمىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە يوللاندى . يەنە چۈشەنمىگەن نوقتىلار بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ .....

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :6    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   6   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar گىك ھاكىم

      ئەپسۇس بۇنىڭدا يازما يازسا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن
      مانا قاراڭ

      • avatar دوغاپ نازىر

        ياخشى ئىشكەنغۇ بۇ ! :mrgreen:

        • avatar مەدىكار ۋالىي

          ياخشى ئۇسۇلكەن،رەھمەت

          • avatar تەلەي365 ھاكىم

            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىمكا ماۋۇ ھەجەپ پەيزى ئۇسۇلكەن بۇرۇنراق بىلسەمچۇ ئېسىت، بۇندىن كىيىن قىينىلىپ ئولتامىساممۇ بولغۇدەك ئەمىسە ئارقا بەتكە ئۆتىمەن دەپ ھې ھې :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :wink: :wink: :wink: :wink:

            • avatar تۇران تېكىن يېڭى مىھمان

              سىز دىگەندەك بولغاندا ئوندەك باسقۇچنى تاماملايدىكەنمىز، بلوگدىكى باسقۇچنىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي. يەنىلا كۆنگەن خۇي يامان تۇرامدۇ نىمە؟!

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @تۇران تېكىن بۇ تىزىملىتىش باسقۇچى ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن پەقەتلا ئۈچ باسقۇچنى باسىسىز ؛ يەنى ھۆججەت-ئورتاقلىشىش-بىلوگدا ئېلان قىلىش…..ھەر قېتىمدا 10باسقۇچنى بېسىش ھاجەت ئەمەس . ھەممەيلەن ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن ، شۇڭا مۇشۇ خىل مۇھىت ئىچىدىلا يازما يوللاشنى ئاشۇرغىلى بولغاندىن كېيىن ، قولايراق بولارمىكىن ، دېدىم خالاس….ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل -دە!