CSS كودى ئارقىلىق قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بەزى بىلوگلاردا قۇر ئاتلاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان قۇر ئاتلاش ئەھۋالىنى ئۇچىرىتىپ ، ئاپتۇماتىك قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئامالىنى تېپىپ چىقتىم .
بىلوگلاردىكى قائىدىسىز قۇر ئاتلاش ھادىسىسى :
CSS كودى ئارقىلىق قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىش
بۇ رەسىمدە ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇنغا قارىسىڭىزلا ، سۆزلەرنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بۆلىۋىتىلگنلىكىنى كۆرىسىز .
مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ، تۆۋەندىكى CSS كودى ئارقىلىق ، قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىمىز :

  1. word-break:normal | break-all | keep-all  

بۇ يەردە word-break ئالىدىغان قىممەت normal بولغاندا ، يۇقارقىدەك قائىدىسىز قۇر ئاتلاش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ .
قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونىترول قىلىش ئۈچۈن ، style.CSS نىڭ ئىچىدىكى بارلىق word-break:break-all بولغان قۇرلاردىكى word-break نىڭ قىممىتىنى normal غا ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ ، يەنى : word-break:normal . بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېرىشىلگەن قۇر ئاتلاش ئۈنۈمى تۆۋەندىكىچە :
CSS كودى ئارقىلىق قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىش
بۇ يەردە يەنە تېكىستنىڭ ئىككى تەرەپكە تەكشى توغۇرلىنىشى ئۈچۈن justify قىممىتىمۇ قوشۇلدى . قوشۇلغان كود :

  1. //يازما ئىچىدىكى مەزمۇننى ئىككى تەرەپكە توغۇرلاش ئۈچۈن بۇ كودنى قىستۇرىمىز   
  2. text-align:justify;   
  3.  //قۇرنىڭ قائىدىسىز قۇر ئاتلىشىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن بارلىق   
  4. word-break: breakall;   
  5. //نى    
  6. word-break:normal;   
  7. //بۇنىڭغا ئۆزگەرتىمىز ، خالاس.....  

شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق قائىدىسىز قۇر ئاتلاش ھادىسىسى تۈگەيدۇ ، دېگەن گەپ . ھەر كىم يۇقارقى كود ئارقىلىق ، يازمىدىكى قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلالايدۇ ......

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :4    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   4   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar تەلەي365 ھاكىم

      ئالدىنقى قىتىم مەنمۇ شۇ بىر ئۇسلۇپنى چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلىغان ھىلىقى پىرىستاننىڭ ئۇسلۇبنى چۇ يازما يازسام قۇرنى قائىدىلىك ئاتلاشقۇ ئاياقتا تۇرسۇن ماۋۇ قۇرنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئاتلاتمىسام بۇ ئىتىم توساقتىن ئاتلىمايدىغان بوپ قاتتىكەن ئاتلىتىدىغانغا تاقا تاپالماي مۇئەللىمكامنىڭ ماۋۇ كودىنى قاتقاندىن كىيىن ئاندىن چىرايلىق ئاتلايدىغان ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈردىغان بولدى، بۇ كود ھەقىقەتەن قالتىسكەن :mrgreen: :wink:

        • avatar ئاپلىسىن يېڭى مىھمان

          @تەلەي365 بۇكود نى قايەرگە قاتىدۇ
          مەندەك كودنى بىلمە يدىغانلا ئۇقالمايدىكەن :sad: :?:

        • avatar بىلىكئال يېڭى مىھمان

          بۇ كود چەتئەل ئۇسلۇبىدا كۆپ ئۇچرايدۇ . :lol:

          • avatar تەشنايى ۋالىي

            ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! مۇئەللىم ئاغام نېمىدىگەن ئوبدان؟! موشۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىمەپتىكەنمەن. كۆپ رەھمەت، تۈزۈتىۋالدىم ئەمىسە.. :mrgreen: