ئىنكاس رامكىسىغا WordPress يازما تەھرىرلىگۈچىسىنى ئىشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
كونا-يىڭى بىلوگگىرلار ئۆز بىلوگىغا ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئاددى ھالىتىگە قاراپ ، بەلكىم ئىچى پۇشقاندۇر ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلغان بولسىمۇ ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەي ، بوپتىۇلا ، دەپ ئولتۇرغاندۇر .....
مەنمۇ ئىنكاس رامكىسىنى كۆركەمرەك قىلاي ، دەپ ئىزدىنىدىغانلارنىڭ بىرسى ، «kindeditor» يازما تەھرىرلىگۈچىسىنىڭ كۆركەم كۆرۈنۈپ ، قويۇپ بىقىۋىدىم ، ياراشتى ، ئەمما ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىشتا قېيىنچىلىق كۆرۈلدى ، يەنە ئىزدىنىپ ، ئاخرى WordPress نىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىسىنى ئىشلىتىپ بىقىۋىدىم ، قاملاشتى .
بۇ تەھرىرلىگۈچنى ئىنكاس رامكىسىدا ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قالدۈرۈشنى توغرا تاپتىم .

كود بوستانلىقى

ئۇسلۇبنىڭ «comments.php»ھۆججىتى ئىچىدىكى تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ :

  1. <textarea name="comment" id="comment" rows="6"></textarea>  

ۋە بۇ كودنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ :

  1. <?php wp_editor( '', comment, $settings = array(  
  2.                     'quicktags'=>1,  
  3.                     'tinymce'=>0,  
  4.                     'media_buttons'=>0,  
  5.                     'textarea_rows'=>4,   
  6.                     'editor_class'=>"textareastyle"  
  7. ) ); ?>  

كود ئىچىدىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە

  • quicktags-بولسا HTML ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ . (1ۋە 0 بولسا بۇ ھالەتنى ئىچىش ۋە يېپىشنى كۆرسىتىدۇ)
  • tinymce-بولسا كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ . (1ۋە 0 بولسا بۇ ھالەتنى ئىچىش ۋە يېپىشنى كۆرسىتىدۇ)
  • media_buttons-بولسا ھۆججەت يۈكلەش قسىمىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە تىزىملانغان ئەزالار كۆرەلەيدۇ ، تىزىملانمىغان ئەزالار كۆرەلمەيدۇ . (1ۋە 0 بولسا بۇ ھالەتنى ئىچىش ۋە يېپىشنى كۆرسىتىدۇ)
  • textarea_rows-بولسا ئالدىن بەلگىلەنگەن قۇر سانىنى كۆرسىتىدۇ .
  • editor_class-بولسا WP يازما تەھرىرلىگۈچىسىنىڭ textarea رايۇنىدىكى (يازما رامكىسى) ئۆزىمىز بەلگىلىگەن class قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ .
  • ئۇنۇمىنى كۆرۈش

    مۇشۇ يازما ئاستىدىكى ئىنكاس رامكىسىدىن كۆرۈڭ .
    ئىش مۇشۇنداق ئاددى ، سىناپ بېقىشنى خالايدىغان دوستلار يۇقىردىكى ئۇسۇل بويىچە كودنى ئالماشتۇرۇپ ، كود ئاتالغۇلىرى بەلگىلىگەن قىممەتنى ئۆزگەرتىپ ، سىناپ باقسا بولىدۇ .
    چۈشەنمىگەن ياكى ھەل قىلالمىغان جايلار بولسا ، ئىنكاس ئارقىلىق ئورتاقلىشىپ ھەل قىلىمىز .
    قېنى كىم بىرىنچى بولۇپ سىنىيالىدى ؟!

    مۇئەللىم
    HotNews Pro ئۇسلۇبى
    ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
    ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
    Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

    باھا يوللايمەن

    :?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

    نۆۋەتتە :9    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   9   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

      • avatar kaliptax يېڭى مىھمان

        ئەسسىلاممۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم مەن مۇنداق قىلاي دىگەن يەنى ھەر بىر يازمىغا ئىككى ماۋزو ئورناتقىلى بولارمۇ يەنى رەسىم ئۇسلۇبىدا پەقەت ماۋزوسىا چىقىدۇ ئەمەسمۇ شۇنىڭ تىگىگە يەنە بىر ماۋزونى ياكى بەلگىلەپ قويغان ئازراق خەتنى ماۋزوسىنىڭ تىگىگىلا چىقارغىلى بولامۇ

          • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

            @kaliptax ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقماپتىمەن ، ئەگەر جاۋابىنى تاپالىسام مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قوياي .

          • avatar بىلىكئال ۋالىي

            بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن . :razz: :razz: :razz:

            • avatar ھاجى ھاكىم

              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم. مەنمۇ مۇشۇنداق ۋوردپرېسنىڭ ئارقا رايونىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستە يۆتكەپ باشبەتتە ئىشلەتسەك قانداق بولا دەپ ئويلاپ يۈرگەن. بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ، مېنىڭ ئويلىرىمغا ئىلھام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @ھاجى شۇنداق بولغان بولسا ، مەنمۇ خۇرسەن بولدۇم ……

                • avatar ئىشقىيار ھاكىم

                  ئىنكاس رايونى قارام ھە مۇئەللىمكا ،بولىدىغان ھۈنەركەن .دەرھال سىناپ باقاي .

                  • avatar بەگمۇراد يېڭى مىھمان

                    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم,بۇ ھۈنەرمۇ بۇلىدىكەن.

                    • avatar ياسىنجان ۋالىي

                      ئىنكاس رايونىنىڭ تەھرىرلىگۈچىسى ئالاھىدىغۇ؟ … قالتىس قىلۋاپسىز جۇمۇ

                      • avatar ۋەھىمە ھاكىم

                        ۋاھ ، ماۋۇ ئىنكاس رامكىسىغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى ، يەنە بىرگەپ مۇئەللىمكا .
                        سىزنى ئەجەپ تاپقىلى بولماس بولۇپكەتتى ھە ، مىنىڭ تورنامنىڭ ۋاختى توشۇپ قاپتىكەن ، بانكا كارتىسىنى ئەۋەتىپ بەرسە پۇل سىلۋەتسەم تورنامىنى ئۈزارتىپ بىرەمىكى دەپ ساقلاپ تۇرىۋەردىم . ياكى ھىلىقى توربىكەتنىڭ كىرىش پارولىنى تىخى ئەۋەتىپ بەرمىدىڭىزھە …