WordPressنىڭ يوۋكۇ فىلىمىدىكى ئېلاننى يوقىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WP بىلوگگىرلىرى توپىدىكى بىلوگگىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاب سۈپىتىدە تەييارلاندى ....
ئادەتتە WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلارغا يوۋكۇ فىلىم سۇپىسىدىكى فىلىملەرنى قىستۇرغاندا ، بەزىدە ئېلانمۇ بىللە قىستۇرلىۋىلىپ ، كۆرگەندە بىر خىل قولايسىزلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ . بۇ خىل ئېلاننى سۈزىۋىتىشنى بىلگەنلەر سۈزىۋىتەلىگەن بىلەن ، بىلمىگەنلەرنىڭ ئىچىنىڭ پۇشقىنى پۇشقان .
تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يوۋكۇ فىلىملىرىنى WordPress بىلوگلىرىغا قىستۇرغاندىن كېيىن ، ئېلاننى يوقىتىۋەتكىلى بولىدۇ .

كود ئويناپ قويامدۇق ؟

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. //wordpressبىلوگلىرىدىكى يوۋكۇ فىلىم ئېلانىنى يوقىتىش  
  2. function youku_video($atts$content=null){  
  3. return '<p style="text-align: center;"><embed src="يوۋكۇ فىلىم ئادرىسى" quality="high" width="600" height="300" align="middle" wmode="transparent" allowScriptAccess="never" allowNetworking="internal" autostart="0" type="application/x-shockwave-flash"></embed></p>';  
  4. }  
  5. add_shortcode('youku','youku_video');  

كېيىنكى قەدەمدە ....

ئاندىن يازما ئارىسىغا فىلىم قىستۇرغاندا ، تۆۋەندىكى كودنى ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە :

  1. //[*youku*]يوۋكۇ فىلىمIDسى[*/youku*]  

ئەسكەرتىش : كود ئىچىدىكى «*»بەلگىلىرىنى ئېلىۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .....
يوۋكۇ فىلىم ID سىغا قانداق ئېرىشىمىز ؟
مەسىلەن : يوۋكۇدىكى بىر فىلىمنىڭ ئادرسى تۆۋەندىكىدەك بولسا :

  1. http://v.youku.com/v_show/id_XNTE5MzE1MDUy.html  

، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ID سى تۆۋەندىكىدەك :
يەنى html كىڭەيتىلگەن نام ئالدىدىكى id_XNTE5MzE1MDUy بولسا دەل بۇ فىلىم ئادرسىنىڭ ID سى شۇدۇر .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما تامام ....چۈشەنمىسەڭلار ۋە چۈشەنسەڭلار ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭلار !!!

مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :7    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   6   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar - Nejmi ھاكىم

      ئارقا سۇپىنى ئۇيغۇرچە قىلىش قىستۇرمىسىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم يا يۇيۋەتتىمۇ بىر ئامال قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز…

        • avatar مۇئەللىم

          @- Nejmi قىستۇرما-يېڭىدىن قوشۇش كۆزنىكىگە كىرىپ ،ئىزدەش رامكىسىغا WP-Uighur-Fonts دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز چىقاتتى ،ئۇ قىستۇرمىنى ھىچكىم يۇيۋەتمىدى تېخىچە …….

        • avatar ''DasTan'' ھاكىم

          بۇ ئۇسسۇلدا مەشغۇلات قىلغان ئىدىم خاتالىق كۆرۈلدى، خاتالىق ئۇچۇرىغا قارىغاندا functions ھۆججىتىنىڭ خاتالىقىدەك قىلىدۇ. بۇ خاتالىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ :arrow:

            • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

              @''DasTan'' بۇ ئۇسۇلدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا ، مەن باشقا ئۇسۇلدا كۆرستىش كودىنى ھەمبەھىرلەپ قوياي ، يازما سۈپىتىدە يوللاپ قويسام ، كۆپچىللىك پايدىلىنار ……

            • avatar سەردار يېڭى مىھمان

              يېڭىدىن wordperss قاچلىغانتىم لىكىن يوۇكۇدىكى فىلىملەرنى قانداق قىلىپ يوللاشنى بىلمەي قادىم مۇشۇ جەھەتىن ياردەم قىلغان بولسىڭىز

              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                رەھمەت مەردان ئېنىم ، سىز قوللاپ تۇرسىڭىزلا مەن بەل قويىۋەتمەيمەن . :mrgreen:

                • avatar دوغاپ نازىر

                  مۇئەللىم، مەن يوۇكۇنىڭ ID نومۇرىنى ئالىدىغان كودىنى يېزىپ چىققانتىم، شۇنى ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە يوللاپ بىرەي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىۋالارسىز