ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىدە كىرگەن ۋاقىتنى كۆرسىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
wordpress تە بىلوگ قۇرغان بىلوگگىرلارغا مەلۇمكى ، بىلوگنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار ، ئۇنى ئىچىۋەتكەندە ، مەزكۇر بىلوگنى ياقتۇرىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئىختىيارى ھالدىكى تىزىملىنىش مۇھىتى ياراتقىلى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەش ئارقىلىق ، بىر بىلوگنى بىر قانچە ئادەم باشقۇرۇش ۋە بىر قانچە ئادەم ئاپتورلۇق قىلىپ ، يازما يوللايدىغان مەقسەتكە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ
ئەمدىكى مەسىلە ، تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ ئارقا بەتكە كىرىش ۋاقتىنى كۆرسىتىش بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئارقا بەتكە ئۆتۈپ مەشغۇلات قىلغان ئەزالارنىڭ مەشغۇلات قىلغان ۋاقتى ئارقىلىق قايسى ئەزانىڭ بىلوگقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ، قايسى ئەزانىڭ كارى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەس .
ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىدە ، ئەزالارنىڭ كىرگەن ۋاقتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ، بۇ خىل ئۈنۈمگە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ .

كود ئويناپ قويامدۇق ؟

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ functions.php ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى< ? نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. //ئارقا بەت ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىدە كىرگەن ۋاقتىنى كۆرسىتىش  
  2. function add_last_login_column( $columns ) {  
  3.     $columns['last_login'] = 'كىرگەن ۋاقتى';  
  4.     return $columns;  
  5. }  
  6. add_filter( 'manage_users_columns', 'add_last_login_column' );  
  7.    
  8. // كىرگەن ۋاقتىنى تىزىملىك جەدىۋىلىدە كۆرسىتىش  
  9. function add_last_login_column_value( $value$column_name$user_id ) {  
  10.     $user = get_userdata( $user_id );  
  11.     if ( 'last_login' == $column_name && $user->last_login )  
  12.         $value = get_user_meta( $user->ID, 'last_login', ture );  
  13.     else $value = 'كىرمەپتۇ';  
  14.     return $value;  
  15. }  
  16. add_action( 'manage_users_custom_column', 'add_last_login_column_value', 10, 3 );  

بۇ كودنى چاپلاپ ، ساقلاپ ، چىكىنگەندىن كېيىن ، ئارقا بەت--ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىگە قاراپ بىقىڭ .

كود ئۈنۈمى

ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار پەيدا بولغان بولسا ، دېمەك ، سىزمۇ قىلالاپسىز :
ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكىدە كىرگەن ۋاقىتنى كۆرسىتىش
يۇقارقى ۋاقىت بولىكىگە قاراپ ، كىمنىڭ باشقۇرۇشقا كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكىنى بىلەلەيسىز ....
يازما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، يازمىغا قارىتا پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :6    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   5   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar ئەلدەربەگ ھاكىم

      بۇ ئۇسۇل بولىدىكەن ئەمما مەندەك يالغۇز بىلوگچىغا نىسپەتەن بىر خىل ئارتۇقچىدەك :cool: …..

        • avatar مۇئەللىم

          @ئەلدەربەگ سىز بىلەن ھەمدەمدە بولىدىغان يېڭى بىلوگگىرلار تىزلا مەيدانغا چىقىدۇ ،خۇددىي سىز ماڭا ھەمدەمدە بولغاندەك ……سىزگە ئوخشاش خاراكىتىرى كۈچلۈك كىشلەر مېنىڭچە يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ ھەم ئاسان چارچىمايدۇ .ئۆزىڭىزگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۋالماڭ ……

        • avatar سۇلتان مېنىستىر

          ياخشى تىما يەنە بار ھەقاچان :shock:

          • avatar bilikal ۋالىي

            بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن :grin:

            • avatar سالىھ بەگ ھاكىم

              مىنىڭ كىرەلمەيۋاتقىنىمنى بىلىپ قالدىكەنسىلەندە ھە مۇئەللىم كا . بۇ ئەمدى بولدى دىگەندە ۋاقىتنىمىزە …بوممايدىغان تىخنىكا دىسەم گەپ ئاڭلىمەي يەنە :mrgreen:

              • avatar تەشنايى ۋالىي

                مەن كىرىپتىمەن – دە! :razz: