بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئۇچۇرىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تور بىكەت قۇرغۇچىغا نېسبەتەن ، تور بىكەت بىخەتەرلىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق مەسىلە . بىز ئادەتتە :«تور بىكىتىم ئىنتايىن بىخەتەر ، ھىچكىم چىقىلمايدۇ » ، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن ، مەنمۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئويلىغان ، ئەمما تۆۋەندىكى تېخنىكىنى قوللانغاندىن كېيىن تېخىمۇ چۈچۈپ كەتتىم ، ئادەتتە بىر كۇندە ئاز بولغاندا بىر ئادەم بىكىتىڭىز ئارقا بېتىگە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدىكەن . بەلكىم بىر كۈنلەرگە بارغاندا بۇ ئاچقۇچنىڭ ئوغۇرلىنىشى تايىنلىقلا ئىشتەك قىلىدۇ .....
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم :
بىلوگىڭىزغا كىملەرنىڭ كىرگەنلىكى ۋە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز ، تۆۋەندە دېيىلگەن ئۇسۇللار سىزنىڭ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ :

بىلوگ ئارقا بېتىگە ئۇتۇقلۇق كىرگەنلەر ئۇچۇرىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىش

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ functions.php ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى < ? نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

1. //ئارقا بەتكە ئۇتۇقلۇق كىرگەنلەرئۇچۇرىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىش
2. function wp_login_notify()
3. {
4.     date_default_timezone_set('PRC');
5.     $admin_email = get_bloginfo ('admin_email');
6.     $to = $admin_email;
7.     $subject = 'بىلوگىڭىزغا كىرگەنلەر ئۇچۇرى';
8.     $message = '
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىلوگىڭىزغا (' . get_option("blogname") . ') كىرگەنلەر بايقالدى

9.     '
ئۆزىڭىزنىڭ كىرگەن-كىرمىگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈپ ، باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىڭ .

10.         '
بىلوگىڭىزغا  ئۇتۇقلۇق كىرگەنلەر ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە :

11.     '
كىرگۈچى ئىسمى  : ' . $_POST['log'] . '

12.     '
كىرىش پارۇلى : ' . $_POST['pwd'] .  '

13.     '
كىرگەن ۋاقتى : ' . date("Y-m-d H:i:s") .  '

14.     '
تىزىملانغان  IP : ' . $_SERVER['REMOTE_ADDR'] . '

15.     $wp_email = 'no-reply@' . preg_replace('#^www\.#', ''strtolower($_SERVER['SERVER_NAME']));
16.     $from = "From: \"" . get_option('blogname') . "\" <$wp_email>";
17.     $headers = "$from\nContent-Type: text/html; charset=" . get_option('blog_charset') . "\n";
18.     wp_mail( $to$subject$message$headers );
19. }
20.  add_action('wp_login', 'wp_login_notify');

بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئۇچۇرىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىش

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ functions.phpئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى < ? نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

1. //ئۇتۇقلۇق كىرەلمىگەنلەر ئۇچۇرىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىش
2.  function wp_login_failed_notify()
3. {
4.     date_default_timezone_set('PRC');
5.     $admin_email = get_bloginfo ('admin_email');
6.     $to = $admin_email;
7.     $subject = 'بىلوگىزغا كرىشتە مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بايقالدى .';
8.     $message = '
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىلوگىڭىزغا (' . get_option("blogname") . ') كىرىشتە مەغلۇپ بولغۇچىلار توغرىسىدا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بار

9.     '
ئۆزىڭىزنىڭ كىرگەن-كىرمىگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈپ ، باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىڭ .   :

10.         '
بىلوگىڭىزغا كىرىشكە ئۇرۇنغۇچى ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە :

11.     '
كىرگۈچى ئىسمى  : ' . $_POST['log'] . '

12.     '
كىرىش پارۇلى : ' . $_POST['pwd'] .  '

13.     '
كىرىشكە ئۇرۇنغان ۋاقتى  : ' . date("Y-m-d H:i:s") .  '

14.     '
تىزىملانغان IP : ' . $_SERVER['REMOTE_ADDR'] . '

15.     $wp_email = 'no-reply@' . preg_replace('#^www\.#', ''strtolower($_SERVER['SERVER_NAME']));
16.     $from = "From: \"" . get_option('blogname') . "\" <$wp_email>";
17.     $headers = "$from\nContent-Type: text/html; charset=" . get_option('blog_charset') . "\n";
18.     wp_mail( $to$subject$message$headers );
19. }
20. add_action('wp_login_failed', 'wp_login_failed_notify');

كود ئۈنۈملىرى

بۇ كودنى ئورناتقاندىن كېيىن ، مۇئەللىم بىلوگى ئېلخەت ساندۇقى كۆپلىگەن كىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .

ئەسكەرتىش

1.بۇ كودنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ، بىلوگىڭىزنىڭ ئېلخەت يوللاش مۇلازىمىتى ئوچۇق بولۇشى كىرەك ، ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋىلىڭ .
2.بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلغاندا ، «admin» نامىنى سىناق قىلغۇچىلار تەخمىنەن كىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىكەن ، ئاندىن كېيىن قالسا ، بىلوگ نامىڭىز بويىچە كىرىشكە سىناق ئېلىپ بارىدىكەن .
مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا ، «admin» ۋە بىلوگىڭىز نامىنى ئارقا بەت باشقۇرۇشقا كىرشتىكى ئۇچۇر قىلىپ تاللىسىڭىز ، كۈنلەرنىڭ بىرى سىزنى نەس باسقاندا «مەن ھەقلىقمەن » دېسىڭىزلا بولغۇدەك ....
خەير ، بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى ، ئەمما ئۈمىد قىلىدىغىنىم ، ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇڭ ، ئەگەر ئىشەنچىلىك بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەن بىلوگ باشقۇرىۋاتقان ، قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەيۋاتقان بولسىڭىز ، «باشقۇرغۇچى نامىنى ئۆزگەرتىش »توغرىسىدا يازما بار . شۇ يازمىلاردا دېيىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ، تىزدىن ئۆزگەرتىۋىلىڭ .....

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :5    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   5   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

• avatar قاسىمجان ۋالىي

ئىككىلى كودنى قوشۇپ سىناپ باقتىم، نورمال ئېلخەت ئەۋەتتى، :wink: ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك ئىكەن، لېكىن ئۆزەممۇ ھەر بىر قېتىم كىرسەم بىر ئۇچۇر كېلىدىكەن.

• avatar ھاجى ھاكىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇئەللىم بۇ بەك ياخشى يازما بوپتۇ. بۇ كود ئارقا سەھنىگە كىرىشكە ئورۇنغانلارنىڭ كىرگۈزگەن نامى ۋە پارولىنىلا يوللاپ بېرەمدۇ؟ ياكى باشقا ئۇچۇرلارمۇ بارمۇ؟ مۇشۇ كود دېگەن نەرسىگە كۈندىن-كۈنگە قايىل بولۇۋاتىمەن جۇمۇ.

• avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

@ھاجى ئاۋال ئىشلىتىپ بېقىپ ، ئاندىن بىر نەرسە دەڭ . ئەمما بارلىق ئۇچۇر رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاش…….

• avatar تورسودا نازىر

لىكىن چوقۇم ئىشلەتسەم بولغۇدەك، رەھمەت

• avatar تورسودا نازىر

راستلا ئىسىل تىخنىكا ئىكەن، ئاشۇ سان سىفرلىق كودلارنى كۆرسەملا بىشىم قايىدۇ