ئىشلەتكۈچىلەر باش سۈرىتىنى ئۆزى بەلگىلەش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئۇيغۇر ساراي بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ، ئىشلەتكەچىلەر «يەر شاى بىر تۇتاش باش سۈرىتى»ئىلتىماس قىلمىغان ئەھۋالدا ، ئۆز كومپىيۇتىرىدا لايىھەلىگەن باش سۈرەتنى ئىشلىتەلەمدۇ ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب سۈپىتىدە تەييارلاندى .

بىلوگقا باش سۈرەت يوللاش ئىقتىدارى ھازىرلاش

تۆۋەندىكى قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ، بىلوگىڭىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۈكلەڭ :
[download title="ھۆججەت چۈشۈرۈش " info="باش سۈرەت يوللاش" time="2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى"]چۈشۈرۈش ئادرىسى [/download]
يۈكلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇسلۇبىڭىزنىڭ فونېكىسىيە ھۆججىتى(functions.php) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى ?> نىڭ ئۈستىگىلا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇڭ :

  1. //باش سۈرەت يۈكلەش  
  2. require_once(TEMPLATEPATH . '/bash suret.php');  

يەنى بۇ رەسىمدىكىدەك :
ئىشلەتكۈچىلەر باش سۈرىتىنى ئۆزى بەلگىلەش

ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىش

يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، بىلوگ ئارقا بېتىگە كېرىپ ، ئىشلەتكۈچىلەر --ئارخىپىڭىز ....غا قاراپ بېقىڭ ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تۈردىن بىرسى قېتىلىپتىمۇ ؟ ئەگەر قېتىلغان بولسا ، سىز مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلالىدىڭىز ، دېگەن گەپ .
ئىشلەتكۈچىلەر باش سۈرىتىنى ئۆزى بەلگىلەش
ئاندىن خالىغان باش سۈرەتتىن بىرنى يۈكلەپ بېقىڭ ، يۈكلەندىمۇ ؟ يۈكلەنگەن بولسا ، سىز يۇقارقى باسقۇچلارنى غەلبىلىك تاماملىغان بولىسىز . ئاندىن بىلوگىڭىزغا تىزىملانغان ھەر بىر ئوقۇرمەنمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان باش سۈرەتنى تاللاپ ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ .....
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما مۇشۇ يەردە تامام ، چۈشەنمىگەن ياكى قىلالمىغان جايلار بولسا ، يازما ئاستىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرى سۇپىسى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ،

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
HotNews Pro ئۇسلۇبى

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :5    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   5   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar تەنھا يىگىت ھاكىم

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم! سىزنىڭ ۋوردپرېسس ھەققىدىكى ئىزدىنىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق تورداشلارغا كۆپلىگەن مەنپىئەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىسىز.
      بىر ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، بەزى خەۋەر توربەتلىرىنىڭ سەھىپە قاتارىدا يازغۇچىلارنىڭ ئىسىمى رەسىملىك ھالدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، مۇشۇ ئۈنۈمنى ۋوردپرېستىمۇ چىقارغىلى بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز.

        • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

          @تەنھا يىگىت ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز دېگەن بۇ مەسىلىنى ئالاقىلىشىش قورالى ئارقىلىق تەپسىلى دېيىشسەك ، مەنمۇ سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى ئېنىقراق ئۇقسام ھەمدە سىزگىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بەرسەم .
          توپ نۇمۇرى : 156447719

            • avatar تەنھا يىگىت ھاكىم

              @مۇئەللىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالدى بىلەن سىزنىڭ قاۋاب يازغىنىڭىزغا رەخمەت، لەچۈرسىز مەن QQ ئىشلەتمەيمەن.
              مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بىر توربەتكە بىر قانچە ئادەم يازما يوللايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، يازغۇچىلارنىڭ ئىسىمىنى رەسىملىك ھالەتتە بەتنىڭ يان تەرىپىدىكى مۇندەرىجە ستۇنىغا چىقىرىش.
              مەسىلەن: سىزنىڭ بېتىڭىزدىكى ( قەدىناس ئوقۇرمەنلەر ) دېگەن يەردىكى كىشىلەر ئىسىمى ۋە باش سۈرىتى، شۇنىڭدەك قوللانغۇچىلارنىڭ ئىسىمى بىلەن باش سۈرىتىنى چىقىرىش، قايسى باش سۈرىتىنى باسسا شۇ ئادەمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى كۆرۈنىدىغان قىلىشنى دېمەكچى ئىدىم.

          • avatar سارايۋەن ھاكىم

            پاھ پاھ ما بىلىمنى ئاخىرى مەن ئۇچۇن ۋە بىز ئۇچۇن يوللاپلا مۇئەللىم ئاغا رەھمەت يەنە بىر تەلەپلىك دەرىس يوللىۋەتكەن بولسىلىر مەنمۇن بولاتتۇق،‹‹ئىنكاسچىلانىڭ باش سۇرئىتى يان تەرەپتىكى ئىنكاسچىلار قاتارىدا كۆرۇندىغان قىلساق ››ياخشى بولاتتى ،ھە راس ئىنكاس يىزىش قىسىملىرى ئۇيغۇرچە كىرمىدى ئەىسكەرتىپ قوياي

              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                @سارايۋەن ئىنكاس رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرمىدى ، دېگەن گەپمۇ بۇ ؟ ياكى باشقا يەرمۇ ؟
                سىز دېگەن ، يان رامكىغا ئىنكاسچىلار باش سۈرىتى چىقىرىش تېخنىكىسنىمۇ يوللاپ قوياي …..