ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسىلىكى خىلى بۇرۇنلا پىلاندا بار ئىدى ، ئەمما ، تا ھازىرغىچە بۇ دەرسلىككە تۇتۇش قىلمىغان ئىدىم ، گەرچە دوغاپ بىلوگىدا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش توغۇرلۇق ئىككى قىسىم دەرسلىك ئىشلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا ئېشقى چۈشكەنلەر يەنە ئارامىمىدا قويمىدى ، دوغاپ بىلوگىدىكى دەرسلىك ئادرىسىنى يوللاپ بېرىپمۇ باقتىم ، لېكىن ..............
شۇڭا ، ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىدا دەرسلىك تۈزۈپ باقاي ، مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلغىلى بولار ، دەپ ئويلاپ ، بۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇردۇم ، گەپنى قىسقارتاي ......

بىلوگ ئۈچۈن ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ياساش

مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ IE تور كۆرگۈچىسى ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، بىلوگىمىز ئىشلىتىدىغان ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساش ئەڭ مۇھىم ، تۆۋەندە ئۇيغۇرچە بىلوگلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەلپىدا ۋە ئويغان (UKIJ) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ۋە ئىئوت تەھرىرلەش قورالى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى ، بەت ئاستىدىن چۈشۈرۈپ ، تۆۋەندە دېيىلگەن رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بويىچە بىلوگىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقىشنى ئۆگىنىڭ . ۋە ياكى «ئۇيغۇرچە خەتنى ھەرقايسى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش» بۇ يازمىدا دېيىلگەن تور بىكەتكە كېرىپ ، بىلوگىمىز ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقساقمۇ بولىدۇ .

ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنى ئىشلىتىپ ئىئوت ياساش

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنى ئىجرا قىلىمىز .
ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنىڭ ئىجرا بولغاندىكى كۆزنەك ھالىتى :
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)
بۇ رەسىمدىكى ئىستىرلكا كۆرسەتكەن كونۇپكىنى بېسىپ ، تەھرىرلىمەكچى بولغان ئىئوت ھۆججىتىنى ئاچىمىز (رەسىمدىكدەك )؛
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)
ئاندىن رەسىم ئىچىدىكى قىزىل سىزىقلىق رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويۇلغان «مۇئەللىم بىلوگى»نىڭ ئۆلگە ئادرسى بويىچە ئۆز بىلوگ ئادرىسىمىزنى 1 ئورۇنغا يېزىپ ، ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن «قوشۇش» نى بېسىپ ، رەسىمدىكى ئۈچ ئادرسنى تولۇق كىرگۈزۈپ ، ساقلاشنى باسىمىز ، ئەسلىدە بار بولغان ئادرسنى چىكىپ ، «ئۆچۈرۈش»نى تاللاپ ئۆچۈرۋەتسەكمۇ بولىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئىئوت شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساپ بولغان بولىمىز .
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)
گوگىلى تور كۆرگۈسى ۋە ئوت تۈلكە قاتارلىق تور كۆرگۈچلەر ئاساسى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، ئىشلەتمەكچى بولغان ttf نۇسخىسىدىكى خەت شەكلىدىن بىرنى ۋە بايام ياسىغان ئىئوت ھۆججىتىنى بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىگە يوللاپ قويىمىز . يەنى رەسىمدىكى مۇندەرىجىگە :
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)
شۇنىڭ بىلەن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولىمىز .

ئىئوت تەھرىرلىگۈچ

تەييارلىق خىزمەتلەر

ئىئوت ياساشنى بىلسەك ياكى ئۆگىنىپ بولغان بولساق ، تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ باشقا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆگىنىپ ، ئەمەلىيەتتە سىناق قىلغاچ تۇرساق ، بۇ يازمىنىڭ ئاخرىمۇ چىقىپ بولىدۇ .
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :

ئەمدىكى مەسىلە : ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىق مەسىلىسى ، يەنى بۇ يازمىغا چۈشكەن باھا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا بولغان قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئەگەر قىزغىنلىق بولمىسا ، بۇ يازما داۋاملاشتۇرۇلمايدۇ .

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :12    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   12   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ياسىنجان ھاكىم

      چۈشۈرۈش ئادېرسىدا ھېچنېمە يوققۇ مۇئەللىمكا؟

      • avatar تۇلۇم يېڭى مىھمان

        مەن مۇشۇ داۋامىغا قاراپ ئولتادىم؟؟؟؟

        • avatar ئەسقەر ھاكىم

          ئىئوت ياساش دىتالى بىلەن ئىئوت ھۆججىتىنىڭ ئادرىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ،تەھرىرلەپ قويسىڭىز.ياكى ئىغىر كۆرمەي ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بەرسىڭىز،رەھمەت. 1164933346@qq.com

          • avatar ئۇچقۇن يېڭى مىھمان

            ئىئوت تەھرىرلىگۈچ مەنبەدىن ئۆچۇرۇلۇپ بوپتۇ :twisted:

            • avatar سەھرايىم ھاكىم

              ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم ئاغا قانداق ئەھۋاللىرى ؟!

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @سەھرايىم ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۇزۇن بولدى ، يوقىلىپلا كەتتىڭىز ، بىلوگىڭىزمۇ ۋاقتى توشۇپ ، ئېچىلماسلا بوپتۇ ، تاشلىۋەتسەك بولماس ………… :smile:

                • avatar ياسىنجان ۋالىي

                  ماۋۇ دەرسلىك پېچەت بوپتۇغۇ… ئەمدى پۈرۈپ ئولتۇرساق بىزمۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلالايدىغان بوپتۇقتە.. ئەلۋەتتە قىزىقىمىز.. داۋامىغا تەشنا بولۋاتىمىز جۇمۇ

                    • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                      @ياسىنجان ئەمەلىي نەپ بېرەلىگەنلا بولسا بولدى ، داۋامى پات پۇرسەتتە چىقىدۇ ….

                    • avatar ئەزمەت يېڭى مىھمان

                      ئادەتتە ttf سىز ئەلپىدانى ۋە ئوكىج نى ئۆلگە قىلىپسىز. ۋىندوۋىس8 تەمىنلىگەن سىگوۋى دەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇ ttf نى ئورناتماقچى بولسا ئايرىم كود يازامدوق؟ ياكى ئەلپىدانىڭ ttf كودى ھىساپ بولىۋېرەمدۇ

                        • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                          @ئەزمەت ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئادەتتە سىز قايسى خىل خەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىشنى نىشانلىغان بولسىڭىز ، بىلوگ بوشلۇقىڭىز غول مۇندەرىجىسىگە شۇ خەت نۇسخا ھۆججىتىنى يوللايسىز ، ئاندىن ھۆججەت ئادرىسى بىلەن ئىسمىنى پاسۇن ھۆججتىگە ئۇلايسىز ، بولمىسا ، سىز دېگەندەك بولمايدۇ .