ۋوردپرس ئارقا بېتىدىكى «يىڭىلاشلار»نى چەكلەش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىلوگگىرلارغا مەلۇمكى ، ۋوردپرس مەيلى سىستېما جەھەتتىن بولمىسۇن ، ياكى قىستۇرما ، ئۇسلۇب جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئۈزلىكىسز يىڭىلىنىپ ، ئىقتىدار جەھەتتە مۇكەممەللىشىش ، ئىشلىتىش جەھەتتە قولايلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە .
شۇنداق بولغاچقا ، بىز بىلوگىمىز ئارقا بېتىدە ، بەزىدە ۋوردپرس سىستېمىسىنى يىڭىلاش توغرىسىدا ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئۇچراتساق ، بەزىدە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبنى يىڭىلاش توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئۇچرىتىمىز . بۇ سىستېما ، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبنىڭ يىڭى نەشىرى چىققانلىقىنى ، يىڭىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئەسكەرتىدۇ .
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا : يىڭى نەشىردىكى سىستېما ، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، ئەگەر يىڭىلاپلا قالساق ، بەت يۈزى بۇزۇلۇشلا ئەمەس ، كۆرۈنمە يۈز يېزىقى ئۆزگىرىپ كېتىشتەك خاتالىقلار سادىر بولۇپلا قالماي ، كۆپىنچە قىستۇرمىلارنىڭ ماسلاشماسلىقى تۈپەيلى بىلوگىمىز ئېچىلمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ ئۇچرىماي قالمايمىز ، ئەلۋەتتە ....
ئەگەر بىلوگىمىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان سىستېما نەشىرى ، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنى ۋاقتىنچە يىڭىلاش ئويىمىز بولمىسا ، تۆدەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ، بۇ «يىڭىلاشلار» ئۇچۇرىنى چەكلەشكە تامامەن بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا ، تۆۋەندىكى كودلارنى بىراقلا ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ، ئۇسلۇب فونكىسىيە ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى < ? نىڭ ئۈستىگىلا قويۇڭ ....

ۋوردپرس نەشىر يىڭىلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش

  1. //wpنەشىر يىڭىلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش  
  2. add_action( 'init', create_function( '$a', "remove_action( 'init', 'wp_version_check' );" ), 2 );  
  3. add_filter( 'pre_option_update_core', create_function( '$a', "return null;" ) );  

ئۇسلۇب نەشىر يىڭىلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش

  1. //ئۇسلۇب نەشىر يىڭىلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش  
  2. remove_action('load-update-core.php', 'wp_update_themes');  
  3. add_filter('pre_site_transient_update_themes', create_function('$a', "return null;"));  

قىستۇرما نەشىر يىڭلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش

  1. //قىستۇرما نەشىر يىڭىلاش ئۇچۇرىنى چەكلەش  
  2. remove_action( 'load-update-core.php', 'wp_update_plugins' );  
  3. add_filter( 'pre_site_transient_update_plugins', create_function( '$a', "return null;" ) );  

بەلكىم سىز بۇ يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، دەرھاللا :
-بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بىلوگقا نېسبەتەن تەسىرى بولامدۇ ؟
دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن . ئەلۋەتتە بولىدۇ . بولۇپمۇ ياخشى تەشىرى بولىدۇ ، بىلوگىڭىز سىستېما ، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىنىڭ يىڭى نەشىرى بارمىدۇ ؟ دەپ دۇنيا كېزىپ يۈرمەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئېچىلىش سۈرئىتى بىزە ئىتتىكلىشى ئېنىق ....
بۇ كودنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئارقا بەت «باشقۇرۇش تاختىسى»--«يىڭىلاشلار» تىزىملىكى :
ۋوردپرس ئارقا بېتىدىكى «يىڭىلاشلار»نى چەكلەش
ئېسل تېخنىكىدە بۇ !
باھا يازماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ ؟

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: