كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !!!

بۇ يازمىدا سۆزلىنىدىغان ئاساسلىق مەزمۇن-WordPress بىلوگلىرىغا تىزىملىك قوشۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا بولۇپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى بىر يازمىدا سۆزلەنگەن :"يازمىلار تىزىملىكى – سەھىپە قېتىش"قەدىمىنى بېسىپ بولغان بولىشمىز كېرەك .

ئۇنداق بولسا باشلاپ كەتتۇق .....

تىزىملىك قۇرۇش

ئالدى بىلەن كۆرۈنۈش ←تىزىملىكلەرگە كېرىپ ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ، تىزىملىكتىن بىر قانچىنى قۇرىمىز .
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
ئادەتتە بىلوگ ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشاشمايدۇ . بەزى ئۇسلۇبلار ئۈچ تىزىملىك ، بەزىلىرى ئىككى تىزىملىك ، يەنە بەزىلىرى بىر تىزىملىك قوللايدۇ . يەنە بەزى ئۇسلۇبلار تىگىدىن تىزىملىك قوللىمايدۇ ، بۇنى يەنە ئۆزىمىز قول تىقىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
مۇئەللىم بىلوگىنى ئالساق ، ئىككى تىزىملىك قوللايدۇ ، بىرسى بەت ئۈستى تىزىملىكى ، رەسىمگە قاراڭ ؛
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
يەنە بىرسى ، بەت ئاستى تىزىملىكى . رەسىمگە قاراڭ ؛
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
مۇئەللىم بىلوگىنىڭ بەت ئۈستى تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق ، بەت ئۈستى تىزىملىكى يەنە سىيرىلما تىزىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، بۇمۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي ، سىيرىلما تىزىملىك قوللايدىغان ئۇسلۇبتا ، تىزىملىكنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ باغلىق .
بىز ئاۋۇ رەسىمدىكىگە ئاساسەن ،«بىرىنچى تىزىملىك»دەپ تىزىملىكتىن بىرنى قۇرغاندىن كېيىن ، قۇرغان تىزىملىكىمىزنى ساقلايمىز . ئاندىن كېيىن ، بۇ تىزىملىككە بىلوگ ئالدى بېتىدە كۆرسەتمەكچى بولغان بولغان تىزىملىكلەرنى ئەكىرىمىز . رەسىمگە قاراڭ ....
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر

كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر

كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر

كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر

ئەگەر ئۇسلۇبىڭىز قىسمى تىزىملىك قۇرۇشنى قوللىسا ، رەسىمدىكىدەك تىزىملىكنى بېسىپ تۇرۇپ ، ئوڭ-سول ، ئاستى-ئۈستىگە سۆرەپ تارتىش ئارقىلىق ، ئۆز كۆڭلىڭىزدەك تىزىملىك قۇرۇلمىسىنى تىزىپ چىقالايسىز ، رەسىمگە قاراڭ ؛
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
بەزى ئۇسلۇبلاردا ، باش بەتكە قايتىش كونۇپكىسى بەت تىزىملىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، مەسىلەن ؛ مۇئەللىم بىلوگىدىكىدەك . رەسىمگە قاراڭ ؛
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
ەنە بەزى ئۇسلۇبلاردا باش بەتكە قايتىش كونۇپكىسى يوق ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ رەسىمدىكىدەك ، ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇلانما ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، باش بەت تىزىملىكىدىن بىرنى قوشۇپ ، مائۇس ئارقىلىق ئۈستىگە سۆرەپ ، قۇرغان تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇشىمىز كېرەك . رەسىمگە توختاۋسىز قاراڭ ؛
كۆرۈنۈش تىزىملىكى- تىزىملىكلەر
ئاندىن قۇرغان تىزىملىكىڭىزنى بىر ساقلىۋىتىپ ، قۇرغان تىزىملىكىڭىزنىڭ ئۇسلۇبتىكى ئورنىنى بەلگىلەڭ ، يەنى ؛ بۇ قۇرغان تىزىملىكىڭىز بەت ئۈستى تىزىملىكىمۇ ياكى بەت ئاستى تىزىملىكىمۇ ؟
بەت ئۈستىدە قايسى تىزىملىكلەرنى كۆرسىتىسىز ؟ بەت ئاستىدىچۇ ؟
رەسىمگە ئاساسەن تاللاڭ ۋە ساقلاشنى ئۇنتۇماڭ ، شۇنداقلا ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ بەت ئۈستى ۋە بەت ئاستى تىزىملىكىنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىپ ، بەت ئۈستى ۋە بەت ئاستى تىزىملىكىنى قانداق رەتلەش توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىڭ ......
شۇنىڭ بىلەن تىزىملىك قۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ يازمىمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى ، تىزىملىك قۇرۇشتا ، ئەڭ مۇھىمى سەھىپىلەرنى ئوبدان قۇرۇڭ ، سەھىپىلەرنى ئوبدان قۇرۋالسىڭىز ، تىزىملىك قۇرۇشىڭىزمۇ تەشكە چۈشمەيدۇ .

ئەسكەرتىش

ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەك ئارقىلىق سەھىپىلەرنى تىزىملىككە قاتقاندىن كېيىن ، سول تەرەپ كۆزنەككە قېتىلغان تىزىملىكلەرنى ئوڭ-سول سۆرەش ئارقىلىق ، باش تىزىملىك ۋە قىسمى تىزىملىكنى بىكىتىپ چىققىلى ، ئاستى-ئۈستىگە سۆرەش ئارقىلىق ، ماس تىزىملىك قاتارىغا قوشقىلى بولىدۇ .
يەنە ئىنكاس يوقما ؟!!!

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :4    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   4   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئەرخان ھاكىم

      قانچە تىزىملىك قوللايدىغىنىنى قانداق بىلىمىز؟

        • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

          @ئەرخان @ئەرخان «كۆرۈنۈش-تىزىملىكلەر» نى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز ، «تىزىملىك تەھرىرلەش» ۋە «ئورۇن باشقۇرۇش» دەپ ئىككى تۈر بار ، ئورۇن باشقۇرۇش ئىچىگە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز … :mrgreen:

        • avatar زۇلپىقار ھاكىم

          ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،
          دەرستىكى رەسىم كۆرۈنمەس بۇپ قاپتۇ مۇشۇنى ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز
          رەسىم كۆرۈنمىسە چۈشەنگىلى بولمايدىكەن 2،3 تور كۆرگۈچىلەردە كۆرسەممۇ ئوخشاش ئاشۇنى ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز

          • avatar ۋەھىمە ھاكىم

            رەسىمگە توختاۋسىز قاراپ كۆزلىرىم بىرنەرسىلەرنى ئۈگەنگەندەكلا قىلىدىغۇ ، ھى ھى ھى :razz: :razz: