يوقالغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا !!!
بىر خىزمەتدىشىمغا لازىم بولۇپ قالغان ماتىرىياللارنى كۆچۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ، يان دېسكامنى كومپىيۇتىرغا چاتتىم . بۈگۈن نېمە بولدىكى ، كومىيۇتىرنىڭ ئىجرا سۈرئىتى كىشىنى تولىمۇ جىلە قىلاتتى . ھەتتا يان دېسكامنى تونۇغان بولسىمۇ ، يان دېسكا ئېچىش بۇيرۇقىنى بەرسەم ، قىتىپلا تۇرۋالدى . ئەمەلىيەتتە يان دېسكامدا ۋىرۇستىن ئەسەر يوقتى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا شۇنداق جىلە قىلىدىغانلىنىڭ سەۋەبىنى تالماي ، يان دېسكىنى قايتا ئۈزۈپ-چىتىپ قىلىشقا باشلىدىم .....
خىزمەتدىشىم نېمە بولغانلىقىنى سوراپ بولغۇچە ، يان دېسكىلىرىمنىڭ ھەممە رايۇنلىرى بىر-بىرلەپ «دېسكا فورماتلاش»توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چىقىرىشقا باشلىدى . مەن بولسام تىخىمۇ جىددىلەشتىم ، سەۋەبى ؛ يان دېسكام بۇزۇلسا قەتئىي بولمايتتى ، ئۇنىڭىدا ئۈچ-تۆت يىللاردىن بىرى يىغىپ ساقلىغان مۇھىم ھۆججەتلىرىم بولغاندىن سىرىت ، قەدىردان دادام ۋە ئاچام ، سۆيۈملۈك ئوغلۇمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ماڭا ئانچە-مۇنچە تەسەللى بولىدىغان تۇرمۇش خاتىرە سۈرەتلىرى بار ئىدى ....
مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخرى يۈز بەردى ، يان دېسكام ھەقىقەتەن بۇزۇلغان ئىدى . كومپىيۇتىر ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقارمەن ، ئۆيگە ئەكىلىپ سىناپ باقارمەن ، ياق ! يەنە بولمىدى ، يان دېسكا توختىماي «فورماتلاش»توغۇرلۇق ئۇچۇر چىقىراتتى . مەن بەرىبىر يان دېسكىنى ھازىرچە ئىشلەتمىگەندىن كېيىن دەپ قويۇپ قويغانمۇ بولدۇم ، تاۋباۋ تورىدىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالى سېتىۋىلىشنىمۇ ئويلىدىم ، بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەن دۇكاندىكىلەر سىستېما ساتمايدىكەن ، ئەمما سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
-دېسكا ئۇچۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئىھتىياجىم بار .
-يان دېسىكىڭىزنىڭ سىغىمى قانچىلىك ؟ قانچىلىك سىغىمدىكى ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىسىز ؟
-يان دېسكام 320گىگا بايىتلىق ، ئەمما ئىچىدىكى ئۇچۇر 250گىگا بايىت ئەتراپىدا .
-400يۇەن بېرىسىز ، يان دېسكىنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىسىز ، بىز تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، سىزگە ئەۋەتىمىز ....
پۇلغا كەلگەندە راستىنلا پىخسىقلىق قىلدىم . ھەقلىق دېتاللارنىمۇ كۆپ سۈرۈشتۈردۈم ، ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قالسا زىيان تارتماي دەپمۇ ئويلىدىم ، يان دېسكىنى يەنىلا قويۇپ قويدۇم ......
بىلوگخۇمار بولغانلىقىم ئۈچۈن ، كۈندە يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى بىلىملەرنى ئىزدەپ تور بايلىقلىرىنى ئاختۇرىدىغان يامان خۇيۇم بار ، شۇنداق قىلىپ ، يان دېسكام بۇزۇلۇپ تەخمىنەن ئىككى ئايلارچە ئۆتكەندە ، توردىن يامان ياخشى دېتالدىن بىرنى تېپىۋالدىم .
بۇ دېتالنى تەۋسىيە قىلغۇچى قاتتىق دېسكا رايۇنىدىكى يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەت نامى بىلەن 95%ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ ، دەپ يامان تەرىپلەپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالنى سىناپ بىقىش ئىستىكىدە يان دېسكامنىڭ بىر دېسكا رايۇنىنى فورماتلاپ تاشلىغاندىن كېيىن ، بۇ دېتالنى قوزغاتتىم ، دېتال چۈشەندۈرۈشىدە دېيىلگىنى بويىچە ، «فورماتلانغان رايۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»نى تاللاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باستىم . دېتال ئاستا ئىزدەشكە باشلىدى ، ھەمدە ئىزدەشكە كېتىدىغان ۋاقىتنى كۆرسەتتى ، مەن دېتالنىڭ ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىنى باشلاپ قويۇپ ، كومپىيۇتىردا قىلشقا تىگىشلىك باشقا ئىشلىرىمنى قىلىشقا باشلىدىم .....
ئالاھىزەل يىرىم سائەتلەردىن كېيىن ، بۇ دېتال تاپقان ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەر تىزىملىكى ۋە سىغىمىنى كۆرسىتىپ ، مەشغۇلاتنى تامالىغانلىق ئۇچۇرىنى بەردى . ئىزدەپ تاپقان تىزىملىكلەرگە تەپسىلى قارىدىم - ۋە ، خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋەتتىم ، ئۇ بارلىق ماڭا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ تاپقان ئىدى .....
ئەمدى تاپقان ئۇچۇرلارنى باشقا دېسكا رايۇنىدا ساقلىۋىلىشىم كېرەك ئىدى ، مەن دېسكا رايۇنىنى بىكىتىپ ، ساقلاش بۇيرۇقى بەردىم ، يەنە يىرىم سائەتتىن كېيىن بۇ ئىشمۇ تۈگىدى ، قارىسام بارلىق ئۇچۇرلار ئەسلىدىكى ھۆججەت قىسقۇچلار بويىچە ئۆز ئورنىدا ھىجىيپ قاراپ تۇراتتى ، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ، باشقا دېسكا رايۇنلىرىنىمۇ فورماتلاپ ، بارلىق ئۇچۇرلىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم .....
ھەمدە بۇنداق ياخشى دېتالدىن تەڭ بەھرىمان بولايلى ، دەپ ، بۇ يەرگە يوللاپ ئولتۇرۇشۇم .......

دېتالنى چۈشۈرۈش

مۇناسىۋەتلىك رەسىم

يوقالغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

مۇھىم نوقتا

بۇ دېتالنى چۈشۈرگەندە ، پىرستىن يېشىپ ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئاكتىپلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز !!!
شۇنىڭ بىلەن مېنى ھاياجانغا سالغان ، بۇ دېتال توغرىسىدىكى قىسسە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەمما دەيمەنكى ، بۇ دېتال توغرىسىدىكى مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ ، دېتالنى چۈشۈرۈپ ، ئىنكاس يازماي چىقىپ كېتىش مېنڭچە قاملاشماس . ئاۋال دېتالنى سىناپ بىقىپ ، تەسراتىڭىزنى يازسىڭىزمۇ ياكى ئەجرىمگە يارىشا باھا بەرسىڭىزمۇ قوبۇل قىلىۋىرىمەن . مۇشۇ كۈنلەردە يامان ئىنكاس سىغىنىدىغان بولۇپ قالدىم جۇما ...........

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :36    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   35   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   1 پارچە

    • avatar ئابىت يېڭى مىھمان

      مەن پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىمغۇ ؟

        • avatar ئىقبال

          @ئابىت مەن چۈشۈرسەم نورمال چۈشۈۋاتىدۇ ،سىز قانداق بولۇپ چۈشۈرەلمىگەنسىز ،يەنە سىناپ بېقىڭ ،پەقەت چۈشەرەلمىسىڭىز ،مەن بېرىپ چۈشۈرۈپ بېرىپ كېلەي …..(چىيەنناۋ تور دېسكىسى نورمال ئىشلەيدۇ….)

        • avatar yigana يېڭى مىھمان

          مەن پەقەت چۈشرەلمىدىم دوسلا ياردەم قىلساڭلا بەك خۇش بولغان بۇلاتتىم

            • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

              @yigana ئاۋۇ چۈشۈرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ، ئادرېس ئۈنۈمسىز ئەمەس ، چىنيەنناۋ تور دېسكىسىغا يوللاپ قويغان . مەن قارىسام ئادرېس ئۈنۈمسىز ئەمەسكەن ، ئادرېسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز ، ئۆزۈم بىرىپلا چۈشۈرۈپ بېرەيما ؟!

            • avatar ئابدۇسوپۇر يېڭى مىھمان

              بۇ دىتالنى چۇشۇرۇگىلى بولمىدى چۇشۇرۋالغان تورداشلار يوللاپ بەرگەن بولساڭلا qq1662027237

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  @ئابدۇسوپۇر قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم ، يازمىدىكى رەسىمگە ۋە ئەسكەرتىشكە ئاساسەن مەشغۇلات قىلىڭ ، جەزمەنكى رازى بولسىز …. :???: