ۋوردپرستە ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتنى چىقىرىش

ۋوردپرس ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى ، ئىنكاس يوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان باش سۈرەت ئىلتىماس قىلغان بولغاچقا ، ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن ، باش سۈرەت ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئاساسەن ، باش سۈرەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ .
ئەمما ، باش سۈرەت ئىلتىماس قىلمىغانلارغا بولسا ئۇنداق ئەمەس . يەنى كۆرۈمسىز بولغان بىر باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
ۋوردپرستە ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتنى چىقىرىش
بۇ رەسىمدىكى باش سۈرەتلەر بىرخىل كۆرۈمسىز تۇيغۇ بىرىپلا قالماي ، بىلوگنىڭ كۆركەملىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ .
ۋوردپرستە باش سۈرەت ئىلتىماس قىلمىغانلارغا ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتتىن بىرنى ئىشلىتەلمەمدۇق ؟
ئەلۋەتتە ئىشلىتەلەيمىز . تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبلنىڭ فونكىسىيە ھۆججىتى (functions.php)نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى ?> نىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، تۆۋەندىكى رەسمنى ئۇسلۇبنىڭ رەسىم ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۈكلەپ قويسىڭىزلا ئىش تامام .

  1. //bash suretni ozi bikitish  
  2. add_filter( 'avatar_defaults', 'default_avatar' );  
  3. function default_avatar ( $avatar_defaults ) {  
  4. $myavatar = get_bloginfo('template_url'). '/images/default-avatar.png'; //رەسىم ئادرىسى  
  5. $avatar_defaults[$myavatar] = " باش سۈرەت"//كۆرسىتىدىغان ئىسىم  
  6. return $avatar_defaults;  
  7. }  

باش سۈرەت :
ۋوردپرستە ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتنى چىقىرىش
باش سۈرەت نامى «default-avatar.png»
نامىنى ئۆزگەرتسىڭىز ياكى رەسىم تىپى باشقىچە بولسا رەسىم كۆرۈنمەيدۇ ....
ئۈنۈمىنى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ يان رامكىسىدىكى «قەدىناس ئوقۇرمەنلەر»دېگەن يەردىن كۆرۈڭ .

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :8    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   8   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar قەيسەر يېڭى مىھمان

      لىكىن مەن سىز دېگەندەك قىلسام يەنىلا كۆرۈنمىدىغۇ ؟

        • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

          @قەيسەر سىز قوشقان كود ئىچىدىكى رەسىم ئادرىسىغا ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ ، بەلكىم جاۋابى چىقىپ قالار ……..

        • avatar دىلبىر ھاكىم

          بۇلدىغان ئۇسۇلكەن جۇمۇ! دېمىسىمۇ بەك سەت بۇلۇپ قالاتى.

          • avatar ئارمان يېڭى مىھمان

            باشقا سۈرەتنى چىقارماقچى بولساق، كود دىكى رەسىم ئىسمىنى ئۆزىمىز چىقارماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ قويساق بولامدۇ ؟

              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                @ئارمان ئۇنداق قىلسىڭىزمۇ ياكى ، سىز چىقارماقچى بولغان رەسىم نامىنى كودتىكى رەسىم نامىغا ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ……

              • avatar kaliptax ھاكىم

                ياخشى ھۈنەركەن

                • avatar bilikal ۋالىي

                  بۇمۇ بىر ياخشى ھۆنەر . :grin:

                  • avatar ياسىنجان ۋالىي

                    تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي..