C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

windows7 دىن windows8 گە كۆچكەندىن كېيىن ، windows7 نى ئىشلەتكەن چاغدىكى C دېسكىنىڭ 20GB سىغىمى يېتىشمەي ، ھەر كۈنى دەككە-دۇككىدە دېسكا تازىلاش قوراللىرى ئارقىلىق C دېسكىنى تازلايدىغان بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ، قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يۇمتاللارنى C دېسكىنىڭ سىغىمىنىڭ توشۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قاچىلاپ ئىشلىتەلمىدىم .
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتاي دېسەم ، باشقا دېسكىلاردا نۇرغۇن يىللار يىغىپ ساقلىغان مۇھىم زاپاس ھۆججەتلەر ۋە دېتاللار بولۇپ ، يوقىلىپ كېتىشتىن قورقتۇم . ئەگەر سىغىمى چوڭراق يان دېسكا بولسىغۇ ، قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى يان دېسىكىغا كۆچۈرۋىلىپ ، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايۇنلارغا بۆلۈپلا ، سېستىما قاچىلىۋەتسەملا ئىش پۈتەتتى . بۇ يەردىكى مەسىلە - دەل ئاشۇ يان دېسكىنىڭ بولمىغانلىقى .
خەنچە ئىزدەش تور بىكىتىگە مەقسىدىمنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ ، بىر ئىزدىتىپ باقمايمۇ ؟
شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىزدەپ قارىۋىدىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن . يەنى سېستىما شارائىتىدا تۇرۇپ ، ھىچقانداق ماتىرىيالنى يۆتكىمەي ، باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى زىيانغا ئۇچراتماي ، C دېسكىغا باشقا دېسكىدىن سىغىم قوشۇپ بەرگىلى بولىدىكەن .
بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :

دېتالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

دېتال نامى :分区助手


1
2. قاچىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىز قوزغىتىش سېنبەلگىسىدىن بىرسى قۇرۇلىدۇ .
2
3. «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى »نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سېنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
3
4 . بۇ كۆنەكتىن سىز ئالدى بىلەن C دېسكىغا سىغىمىنى قوشۇپ بەرمەكچى بولغان دېسكىنى مائۇس ئارقىلىق چىكىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپ رامكىدىن «دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش باشلامچىسى»نى چىكىش ئارقىلىق مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىسىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ .
3
5 . بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
4
مەقسىدىمىز C دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش بولغاچقا ، بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
6 . ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ يەردىمۇ رەسىمدىكى تاللانغان جايلارغا ئوبدان قاراپ ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز .
يەنى ، بىزنىڭ C دېسكىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمى 20GB ئىدى . يەنى رەسىمدىكىدەك :
06
بىز قىزىل بويالغان دائىرىدىكى سىرىلما رامكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان سىغىمغا ئەكىلىپ توختاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
5
7 . بۇ چاغدا بىر رامكا ئېچىلىدۇ ، بۇ چاغدا بىز بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛
6
8 . بۇ ئاساسلىق دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچقا بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن . ئەمما ، سىز بۇ چاغدا تورغا چىقىپ ، ماتىرىيال كۆرۈشتەك ياكى كوت-كوت ئالاقىسى ئارقىلىق پاراڭلىشىشتەك كومپىيۇتىرغا تەسىرى بولمىغان پائالىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق ، دېسكا رايۇنىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان كۈتۈشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز . دېتال دېسكىڭىزنى بۆلىۋىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز زىرىكىشلىك ساقلاشنى تۈگىتەلەيسىز . مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك .
05
9. دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش (چوڭايتىش) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
7
بۇ چاغدا سىز دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ ، «مۇقىملاش»نى بېسىپ ، بۇ دىتالنى تاقاپ ، «كومپىيۇتىرىم»كوزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى«يىڭلاش»تىزىملىكىنى بېسىپ بىقىڭ .
قانداق ، C دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپتىمۇ ؟ باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللىرىڭىز يەنىلا ئۆز پىتىمىكەن ؟
مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق . بۇ مەشغۇلات ئارقىلىق ، بىز سېستىما شارائىتىدا ، ھىچقانداق بىر زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلماستىن ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .

تارىختىكى بۈگۈندە:

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :18    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   18   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئەكبەر يېڭى مىھمان

      بەك ياخشى تېما ئىكەن ماۋۇ. مەن 1 قانچە قېتىم دېسكائىنى چوڭايتىمەن دەپ تەڭشەيمەن دەپ.باشقا دىسكا رايوننى بۆلۈپ، سۈيدۈك ماتېرىياللارمۇ يۈتۈپ كەتتى، قايتىدىن ھەممە دىسكا رايونى بىراقلا ئۆلۈپ، قالغان ئەھۋاللار بولغان.ماۋۇ تېمىدىن پايدىلانسام بولىدىكەن.رەھمەت سىزگە.