Androidدۇنياسىدىكى WordPress

ئۈزۈندە

WordPress for Androidبولسا WordPress ئورگىنى ئېلان قىلغان تېلېفۇندا بىلوگ باشقۇرۇش ئەپ دېتالىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ Androidسىستېمىلىق تېلېفۇنىدا WordPress تور بېكىتىنى باشقۇرالايدۇ .يازما ،باھا ،خەتكۈش،رەسىم يوللاش ئىقتىدارلىرى بولۇپ ،تېلېفۇنىڭىزدىلا بىلوگ يازالايسىز .

نۆۋەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفۇن ، تاختا كومپىيۇتىر قاتارلىق سىمسىز تورغا چىقىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى بىزنى يىڭى بىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئىقىمىغا باشلاپ كېردى . ئىشلەتكۈچىلەرمۇ بۇ ھەقتە قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا Andriodسېستىمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلەيدۇ .

ئەپ دېتال كۆرۈنمە يۈزى

Androidدۇنياسىدىكى WordPress
Andriod لىنۇكىس ئاساسىدىكى چەكلىمىدىن خالىي ئوچۇق كودلۇق مەشغۇلات سېستىمىسى بولغاچقا ، كەڭ ئۇسكۇنە ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە .
ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا ، Androidسېستىمىسى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر باشقا سېستىمىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە قارىغاندا خىلىلا ئەرزان . دۆلەت سىرتىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندىمۇ ، Androidسېستىمىسى ئاساسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفۇنلار دۇنيا ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈۈنىلەر بازىرىدا %76لىك ئورۇننى ئىگىلىگەن . جوڭگۇ بازىرىدىمۇ %90لىك ئورۇننى ئىگىلىگەن .
WordPressمۇ دەۋىر ئىقىمىغا ماسلىشىپ ، يىڭى نەشىرلىرىدىن باشلاپ ، كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىلىرىگە كۆچۈپ كىردى . بۇنىڭ بىلەن بىلوگنى كومپىيۇتىر ئارقىلىق باشقۇرۇش كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق باشقۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى ۋە يۈزلەندى . شۇنداق بولغاچقا ، سىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفون ياكى تاختا كومپىيۇتىرىڭىز ئارقىلىق ، خالىغان جايدا يازما يوللاش ، ئىنكاس تەھرىرلەش ۋە بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ......
نۆۋەتتە ، WordPressئورگىنى ئېلان قىلغان Android ئارقىلىق WordPress نى باشقۇرۇش سېستىمىسى 3.7 نەشرىگە يىڭىلاندى ، سىز ئەڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزلا ، Android ئارقىلىق WordPressنى باشقۇرۇش قەدىمىنى باسالايسىز .
يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ بىرلكىتە ئاتلىنامدۇق ؟ ......«ھوررا............»!

چۈشۈرۈش ھەققىدە

خەنزۇچە نەشرى مەنبەسى بەيدۇ تورىغا ئۇلانغان بولۇپ ،پىقىر چۈشۈرۈش تەمىنلەشكە ئامال قىلالمىدىم ،لازىملىق دوستلار WordPress for Android بۇ نام ئارقىلىق ئىزدەپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ .

مۇئەللىم
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :9    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   7   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   2 پارچە

    • avatar ULANTOR يېڭى مىھمان

      مەن چۈشۈرۈشنى تاپالمايۋاتىمەن مۇئەللىم قايسى توربەتتىن چۈشۈرسەم بولىدۇ

        • avatar ئىقبال

          @ULANTOR خەنزۇچە نەشرى مەنبەسى بەيدۇ تورىغا ئۇلانغان بولۇپ ،پىقىر چۈشۈرۈش تەمىنلەشكە ئامال قىلالمىدىم ،لازىملىق دوستلار WordPress for Android بۇ نام ئارقىلىق ئىزدەپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ .

        • avatar قۇتبەگ ھاكىم

          قايسى بەتتىن چۈشۈرىمىز؟سىستىما گۇرىپىسى دەپسز تازا بىلەلمىدىمغۇ؟

            • avatar ئىقبال

              @قۇتبەگ مەنبەنى يېڭىلاپ قويدۇم ، يازمىدىكى ئەسكەرتىش بويىچە چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ،بىلوگىمىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر .

            • avatar مەدىكار ۋالىي

              ماڭا دەل بولغۇدەك ئوقەتكەن بۇ.يانفونۇمدا تورغا چىقىش ۋاقتىم كومپىيوتېردىكىگە قارىغاندا ئۇزۇنراق.شۇڭا سىناپ باقسام بولغۇدەك.بۇنى سېستىما گۇرۇپپىسى تورىغا كىرىپ ئاندىن چۈشۈرمەنمۇ مۇئەللىم.

              • avatar گىك ھاكىم

                يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولغاي ….

                • avatar سالىھ بىگ ھاكىم

                  مەن چۈشۈردۇم لىكىن ئاچالمىدىم . ھەم تىلفۇنۇمنىڭ سىستىمىسى 2.3 ئۇيغۇرچە خەت ئۇلاشماي چىقىدۇ . شۇڭا بۇنى چۈشۈرۈش ئىشلىتىشتە سىستىمىسى 4.0 بولغانلار ئىشلەتسۇن دەپ قويۇڭ بولمىسا ئاچالماسلىق بىلەن بىللە خىتىنى تونىتالمىدۇق دەپ تور بىلوگچىغا تىلفۇنچىلىق سۇئاللىرىنى قويىشى مۇمكىن . ئىشقىلىپ مەن مۇشۇ كومپۇيۇتۇر دىگەن بىر نىمىدە قىلىپ تۇراي …