WordPressتىخنىكىلىرى

1. WordPressبىلوگىغا Faviconسېنبەلگىسىنى چىقىرىش ؛
Faviconسېنبەلگىسىى بىر بىلوگنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە بەلگە بولۇپ ، بۇ بەلگىنىheader.php ۋە functions.php غا مۇناسىۋەتلىك كودلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ . تۆۋەندىكى كودنى functions.php غا قوشۇپ بولغاندىن كېيىن ، سىز لاھىيىلىگەن Favicon.ico ھۆججىتىنى بوشلۇقنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .

  1. // add a favicon to your function blog_favicon() {   
  2. echo '<link rel="Shortcut Icon" type="image/x-icon"   
  3. href="'.get_bloginfo('wpurl').'/favicon.ico" />';   
  4. }  
  5. add_action('wp_head', 'blog_favicon');  

2. WordPress كونتىرۇل تاختىسىغا logoنى ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارى قوشۇش ؛
WordPressتا بىلوگ قۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، بىلوگقا logoچىقىرىش ھەم ئاسان ھەم تەس بولغان بىر جەريان . بەزىلەر logo ھۆججىتىنى قايسى مۇندەرىجىگە قويۇشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ . يىڭى بىلوگگىرلار بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ . سىز تۆۋەندىكى كودنى functions.php غا قوشۇش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز .

  1. //hook the administrative header output   
  2. add_action('admin_head', 'my_custom_logo');   
  3. function my_custom_logo() {echo ' <style type="text/css">   
  4. #header-logo{background-image: url('.get_bloginfo('template_directory').'/images/custom-logo.gif) !important; }   
  5. </style> '; }   

3. WordPress باشقۇرۇشقا كىرشتىكى تىزىملىنىش تاختىسىنىڭ خاتالىق ئۇچۇرىنى چەكلەش ؛
WordPressباشقۇرشقا كىرىشتە ، ئىسىم ۋە پارۇلنى خاتا كىرگۈزگەندە ، WordPressبىزگە خاتالىق ئەسكەرتمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ ، ئەگەر خاككىرلار بۇ خىل ئەسكەرتمىنى بايقاپلا قالسا ، سىزنىڭ باشقۇرۇشقا كىرشتىكى ئىسىم ۋە پارۇلىڭىزنى بىمالال تېپىپ چىقالايدۇ . بىلوگىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتسىڭىز ، بۇ ئەسكەرتمىنى چەكلىۋىتىش ئەڭ مۇھىم . تۆۋەندىكى كودنى functions.php غا قوشۇش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز .

  1. add_filter('login_errors',create_function('$a', "return null;"));  

بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى داۋاملىق يوللايمەن ، يۇقارقى مەزمۇنلاردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، بىلوگنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرى(بەزى ئىقتىدارلار قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ) functions.phpئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچ ، functions.phpنى تەھرىرلەشتە بەكمۇ ئىھتىياتچان بولغان تۈزۈك ، بىلوگدىكى html500خاتالىقى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا functions.phpبىلەن مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭا ، بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلەشتىن ئاۋۋال ، بىر نۇسخا زاپاس ساقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، تەھرىرلەش جەريانىداfunctions.phpدا خاتالىق كۆرۈلگەندە ، زاپاس ساقلانغان functions.php ھۆججىتىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ، بىلوگىمىزنىڭ ئېچىلماس بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز ......

مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :3    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   3   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar دوغاپ نازىر

      تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنىڭ مۇجەسسەملىنىشىنى كۈتىۋاتىمەن…. رەھمەت سىزگە!

      • avatar تورسودا نازىر

        مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشىدە بىزمۇ خىلى يىتىشىپ قالدۇق جۇما، كۈندىن-كۈنگە سەرخىل دەرىسلىكلەر يوللىنىۋاتىدۇ…خۇدا خالىسا مۇئەللىم بىلوگىنى 10 نادىر بىلوگ قاتارىدا كۆرىمىز :oops:

          • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

            @تورسودا بۇنىڭ ئىچىدە تور سودا بىلوگىنىمۇ كۆرۈشنى تولىمۇ خالايمەن…..