WordPressنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىش(7)

6دەرس FlashFXP قورالى ئارقىلىق WordPressنى بوشلۇققا يۈكلەش

ئالدىنقى سائەتلىك دەرسلىرىمىزدە بىز WordPress نىڭ ھۆججەتلىرى ، ھۆججەت قۇرۇلمىسى ۋە ھۆججەتلەرنى تەشكىل قىلغۇچى كودلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق . بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز WordPress نى بوشلۇققا يۈكلەش ۋە قاچىلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .

1- WordPress نى بوشلۇققا يۈكلەش .

WordPress نى بوشلۇققا يۈكلەشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ ، بۇنىڭدا ئەڭ بىخەتەر ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بولسا ،FlashFXPقورالى ئارقىلىق بوشلۇققا يۈكلەشتۈر . ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن يىڭىدىن بىلوگ قۇرغۇچىلار FlashFXPقورالىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئانچە پېشىشىق بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئەمەلىيەتتە FlashFXPقورالىنى ئىشلىتىش ئانچە تەس ۋە مۇرەككەپمۇ ئەمەس . مەن بۇ قورالنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇيغۇرچە يازمىنى توردىن ئىزدەپ باقمىدىممۇ ياكى بۇ ھەقتىكى يازما يوللانمىدىمۇ بىلمىدىم ، ئەمما يىڭى بىلوگگىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپ-پىكىرلىرى توختاپ قالمىدى .

تۆۋەندەFlashFXPقورالىنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلى توختىلىمىز ؛

ئالدى بىلەن FlashFXPقورالىنى چۈشۈرۈپ ، كومپىيۇتىرىمىزغا قاچىلايمىز ، بۇ قورالنىڭ ئىككى خىل نۇسخسى بار ، بىرى قاچىلاش كەتمەيدىغان يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخا ، يەنە بىرى قاچىلاش نۇسخسى .

يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .

بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ، يەشكەندىن كېيىن ، ھۆججەت قسىقۇچ ئىچىدىكى flashfxp.exeھۆججىتىنى ئىجرا قىلىڭ (ياكى بۇ دىتالنىڭ تىز قوزغىتىش سىنبەلگىسىنى ئۈستەل يۈزىگە قۇرىۋىلىڭ ).

دەسلەپكى قوزغالغاندىكى كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك ؛

WordPressنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىش(7)

ئېستىرىلكا كۆرسەتكەن خەنزۇچە خەتنى بېسىڭ .

بۇ دېتال ھەقلىق دېتال بولۇپ ، 30كۈن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بار . سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا ، ئەسلىدىكى يېشىلگەن ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىپ ، قايتا يېشىپ تىزىملىنىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .....

ئاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ ؛

WordPressنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىش(7)

ئېستىرىلكا كۆرسەتكەن خەنزۇچە تىزىملىكنى چەككەندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ؛

WordPressنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىش(7)

ئېچىلغان كۆزنەكتىكى بىرىنچى كاتەكچىگە مۇلازمىتىر ئادرىسىنى ياكى مۇلازىمىتىر ئىشلەتكەن IPئادرىسىنى يازىسىز ، ئىككىنچى كاتەكچىگە FTPبوشلۇق باشقۇرغۇچى نامىڭىزنى ، ئۈچىنچى كاتەكچىگە پارۇلىڭىزنى يازىسىز ، شۇنىڭ بىلەن FlashFXP قورالى ئارقىلىق بوشلۇقىڭىزغا كىرگەن بولىسىز .

ئادەتتە بوشلۇق يىڭى ئېچىلغاندا ، بوشلۇقتا بوشلۇقنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى بىر نەچچە ھۆججەت بولغان بولىدۇ . سىز بۇ بوشلۇققا يىڭىدىن ھۆججەت يۈللىماقچى بولغىنىڭىز ئۈچۈن ، بوشلۇق ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى (يەنى ئۆچۈرىدىغان ھۆججەتلەرWWWROOTھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىلا كۆرسىتىدۇ ، باشقا ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە تەگمەڭ )ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن بوشلۇققا يۈكلىمەكچى بولغان WordPressھۆججەتلىرىنى سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىن تولۇق تاللاپ ، مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ، سول تەرەپ ئاستى كۆزنەككە تارتىپ ئەكىرىسىز . ئاندىن ئوڭ تەرەپ كۆزنەك ئۈستىدىكى ئېستىرىلكا كۆرسەتكەن كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ، WordPressھۆججەتلىرىنى بوشلۇققا يوللاش مەشغۇلاتىنى تاماملايسىز .....

WordPressنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىش(7)

FlashFXPقورالى ئارقىلىق WordPress نى بوشلۇققا يۈكلەش مانا مۇشۇنداق ئاددى ۋە بىخەتەر .

بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ FlashFXPقورالى ئارقىلىق WordPress نى بوشلۇققا يۈكلەش دەرسىمىز مۇشۇ يەردە تامام . دوسىتلارنىڭ چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ، ئىنكاس قالدۇرسا ياكى يىڭى بىلوگگىرلار توپىدا مەسلىھەت سورىسا ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە جاۋاب بىرىشكە ۋە ياردەم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن .

تارىختىكى بۈگۈندە:

مۇئەللىم
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :16    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   16   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar تىرىشچان مېنىستىر

      مەرھابا، بىلوگىڭىزنى ئايلىنىۋاتقىنىمغا خېلى كۈنلار بولدى مۇئەللىم.
      بۇ تېمىدا دېيىلىۋاتقان «WordPress نى بوشلۇققا يوللاش» قايسى بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ؟ بىز تور بەت قۇرۇش ئۈچۈن تور بەت ئىسىمنى قوللىنىپ كىرىدىغان بوشلۇقمۇ ياكى كومپىيۇتىرىمىزدا شەكىللەندۈرىۋالىدىغان بوشلۇقمۇ؟ ئەگەر بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەر تەمىنلىگەن بوشلۇق(يەنى تور بەت ئىسىمنى قوللىنىپ كىرىدىغان بوشلۇق) بولسا FlashFXP نى قوللىنىشىمىزنىڭ مەقسىدى نىمە؟ تور بەت ئىشلىرىغا يىپيىڭى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كەسپىي ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتەلمىگەن بولىشىم مۇمكىن،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
      دەرسلىكنى 2-بابنىڭ 3-دەرىسىگىچە چىداپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە ھىس قىلغىنىم بەزى ئاتالغۇلارنىڭ نىمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەسلىكىم بولدى. ئالدىن رەھمەت. :smile:

        • avatar ئىقبال بېكەت باشلىقى

          @تىرىشچان 1.بۇ يەردە دېيىلگەن بوشلۇق سىز تور بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان ، تور بېكەت نامىنى قوللۇنۇپ كىرىدىغان بوشلۇق شۇدۇر ……
          2.FlashFXP بولسا بىر قورال ، يەنى بىزنىڭ ئاۋۇ بوشلۇقىمىز بىلەن ماۋۇ كومپىيۇتىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ماتېرىيال ئالماشتۇرۇدىغان ۋاستىچى ياكى كۆۋرۈك قورال…..

        • avatar yaxa0998 يېڭى مىھمان

          ماڭا مۇشۇ بىتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بەك يارىدى مۇئەللىم، بىتىڭىزنىڭ بەت سىستىمىسىنى يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ ؟ ساندان لازىم ئەمەس، پەقەت بەت سىستىمىسى بولسىلا بولدى، رەھمەت

            • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

              @yaxa0998 يوللاپ بەرسەم بولاتتى ئەسلى ، ئەمما بۇ بەتنى كۆرسىڭىز بەلكىم چۈشىنىپ قالىسىز ….
              http://zmingcx.com/begin

                • avatar yaxa0998 يېڭى مىھمان

                  @مۇئەللىم دىمەك بۇ ھەقلىق ئۇسلۇبنى سىز سىتىۋىلپ تەرجىمە قىپتىكەنسىز دە، ماڭىمۇ بىر نۇسخا لازىمتى، چچ غا قوشاي، جاۋاپ قايتۇرۇڭ چ چ 1424847970 ، تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئۇسلۇپ بارتى

              • avatar ياسىنجان ۋالىي

                داۋامى تۈگەپ قالدىما مۇئەللىم؟ بولسا بىر تال ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇپ كېتەتتىكەن :mrgreen:

                • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                  مەن سېناپ بولدۇم ، رەھمەت….

                  • avatar Nurnijat يېڭى مىھمان

                    بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ،ئۇسلۇبلىرىڭىز تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ كېتىپتۇ.بۇنداق بۇلۇشىغا چىداپ تۇرالماي،قوڭامنى چاققىنىمچە بۇتناپ چىقىپ كەتتىم.

                      • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                        @Nurnijat چاققىلى ھىچنەرسە تاپالمىدىڭىز ؟ گىمرويلار ۋايجان دەۋاتسا ، سىز قانداق قىلارسىز ؟ ئېسىت ، بىر ياخشى …….دىن ئايرىلىپسىز مانا ! خوپ بولدى ، بۇتنىغانغا تويسىلا ئەمدى ! :grin:

                      • avatar ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى يېڭى مىھمان

                        بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ

                        • avatar تەشنايى ۋالىي

                          بىر چاغلاردا قاچىلىيالماي يىغلىۋەتكىلى تاس قالغىنىم راس، بۇ كاساپەتنى… مۇئەللىمنىڭ دەرىسلىرىنى ئەستايدىل ئۈگىنىپ،«WordPress نى تىتىۋىتىدىغان» بولمىسام خەپ.. :!:

                          • avatar تەكلىماكان يېڭى مىھمان

                            دەرسلىكىڭىز ياخشى چۈشۈنۈشلۈك بولۇپتۇ،
                            مۇشۇ ۋوردپرېسقا ياسالغان EOT ھۆججىتىنى قايەرگە قويىدىغانلىق توغرىسىدا بىر دەرسلىك ئىشلىگەن بولسىڭىز، تورلاردا EOT توغرىسىدا دەرسلەر كۆپكەن، ئەمما ھەممىسىدە EOT ياساشنى سۆزلىنىپتۇ، ئەمما ياسالغان EOT نى قايەرگە قويۇش توغۇرلۇق سۆزلەنمەپتۇ، مەن جېق ھەپىلەشتىم ئەمما زادىلا ئۇيغۇرچە تۇنۇتالمىدىم.
                            جېق تورلارغا مۇشۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىغان بولساممۇ ئەمما ھېچقاسى جاۋاب قىلمىدى. ياكى تازا مۇھىم دەپ قارىغان يەر بولسا دەپ بەرگىسى كەلمىدىمۇ بىلمىدى، دەپ بەرگىسى كەلمىسە دەپ بېرىشنى خالىمايمەن دەپ بولسىمۇ جاۋاپ قىلمىدى.

                              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                                @تەكلىماكان :mrgreen: ماقۇل ، مەن بۇجەھەتتە يازما يوللاي ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئانچە مۇرەككەپمۇ ئەمەس …..

                              • avatar دىيارىڭ يېڭى مىھمان

                                ناھايتى ياخشى سۆزلەپسىز،داۋاملىق يوللاپ تۇروڭ مۇئەللىم :wink:

                                  • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                                    @دىيارىڭ رەھمەت ، داۋاملىق يوللىنىدۇ ، تاكى سىلەرWordPress نى تىتىۋىتىدىغان بولغانغا قەدەر ……. :mrgreen:

                                  • avatar تورسودا نازىر

                                    دەرىسلىك ئىنتايىن تەپسىلى بوپتۇ، بۇنى ئەينى ۋاقتىدا مۇئەللىم ئاغىنەمدىن ئۈگىنىپ بولغانكەنمەن، دەرىسنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن :smile: