سۈرەت سېغىمىنى كىچىكلىتىش دېتالى

خىزمەت جەريانىدىكى يۈكلەنگەن نۇرغۇن ۋەزىپلەر مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى نۇرغۇن جاپالارغىمۇ سالدى ھەم نۇرغۇن تەجرىبەلەرگىمۇ ئىگە قىلدى . مانا بۇ ھەپتىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەكتەپ شىتاتىدىكى كادىرلارنى دەلىللەش سېستىمىسىنى ئىشلەۋاتىمەن ، ناھىيە تەۋەسىدىكى كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بارلىق ئىشداشلار مۇشۇ جاپانى تەڭ تارتىۋاتىمىز .
بۇ سېستىمىنىڭ رەسىم سىغىمىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، سىغىمى 10KBدىن ئېشىپ كەتمىگەن jpgئۆلچىمىدىكى رەسىمى بولۇش كىرەككەن . PHOTOSHOPدىن پايدىلىنىپ لاھىيەلەش ئېلىپ بارغان بولساممۇ ، ئەمما 13KBدىن كىچىك تەڭشىيەلمىدىم ، شۇنداقتىمۇ رەسىم ئېنىقلىقى ئالامەت تۆۋەنلەپ ، پەرىق قىلغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كەتتى . قانداق قىلىش كىرەك ؟ تۇتۇق بولسىمۇ 10KBدىن كىچىك بولسا بولاتتى . ئاخىرى تورنى قىدىرىپ يۈرۈپ ، بۇ دېتالنى تېپىۋالدىم .

دېتال ھەققىدە

دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى : رەسىم سېغىمىنى كىچىكلىتىش دېتالى
تىلى : خەنزۇچە
سېغىمى : 587KB
ئالاھىدىلىكى : رەسىمنى توپ ۋە ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . ھەر قانچە كىچىكلەتسەكمۇ رەسىم سۈپىتىدە ، ئېنىقلىق دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ .

دېتال چۈشۈرۈش


ئىشلىتىش جەھەتتە :
تۆۋەندىكى سۈرەتكە ئاساسەن مەشغۇلات قىلىڭ ؛
سۈرەت سېغىمىنى كىچىكلىتىش دېتالى

سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن بويىچە تاللاپ ۋە بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ ، كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ ، دېتال ئۆزى ئاپتۇماتىك ئىسىم قويۇپ ، ئەسلى ھۆججەتنىڭ قاپلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئەسلى رەسىم بار مۇندەرىجىدە ساقلايدۇ . رەسىم فورماتىنى بەلگىلەڭ ، ئاندىن باشلاش دېگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىزگە لازىم سېغىمدىكى رەسىمنى سىزگە چىقىرىپ بېرىدۇ ......
سىزگە ئامەت تىلەيمەن ! خاتىرجەم ئىشلىتىڭ ، يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، ئىنكاس قالدۇرۇڭ ، قىسقا ۋاقىتتا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز .......

تارىختىكى بۈگۈندە:

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality
HotNews Pro ئۇسلۇبى
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :8    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   8   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ERK نازىر

      چۈشۈرۈش مەنزىلى يوققۇ.

      • avatar ERK نازىر

        رەھمەت مۇئەللىم مەنمۇ 1 چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي.

        • avatar ئۆزقان يېڭى مىھمان

          بۇ دېتالغا مەنمۇ شۇنداق ئېھتىياجلىق ئېدىم، چۈشۈرىۋالدىم ئەمىسە.

          • avatar تورسودا نازىر

            ياخشى دىتالكەن، شۇغىنىسى مەن تۈزۈك پايدىلىنالمىدىم يا….

            • avatar sehraliq يېڭى مىھمان

              ئىنكاسىم بىلەن مۇشۇ يازمىنى ساقلىۋالاي :mrgreen: