بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل…….

ئۈزۈندە

بۇ خىلى بۇرۇنلاردا يوللانغان يازما ، بىلوگلار چۆلدەرەۋاتقان بۇ كۈنلەردە ، بىلوگ ئىشقىدا كۆيىۋاتقان يۈرەكلەرگە ئىلھام-مەدەت بېرىش مەقسىتىدە ، يېڭىلاپ ئېلان قىلىندى …..

مەن ئۆزۈم بىر قوللۇق ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلارنىڭ ئىنكاس يېزىش تاختىسىغا «بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل»دەپ يېزىپ قويىمەن ، چۈنكى ، ئىنساندا بىرلا كۆڭۈل بار ، كۆڭۈلنىڭ خالغىنى ھەممىدىن ئەۋزەل ، كۆڭۈل خالىمىسا ، زورلىغان بىلەن بىكار .....
مەن ئويلايمەن ؛ ئىنساندا ئۆزىگە نېسبەتەن «كۆڭۈلدىن ئۇلۇغ نەرسە يوق» ، ئاشۇ كۆڭۈل ئىنسانغا خۇشاللىق ۋە قايغۇ بېغىشلىغۇچى بىردىنبىر ئامىل (يۈزەكى قاراش ، مازاق قىلماڭلار) ، بىز ئۆزىمىز تەسىر كۆرسەتكەن ياكى بىزگە تەسىر كۆرسەتكەن شەخىس ۋە كېشىلەرنىڭ «كۆڭلىمىز»نى چۈشىنىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز ، ھەمدە «كۆڭلىمىز»نى بىلدۈرۈشنى ئويلايمىز . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتىقاندا ، مەنچىمۇ «كۆڭۈل»دىن ئۇلۇغ نەرسە يوق .
شۇنداق ، كۆڭلۈم خالاپ ، مانا بىلوگگىرلار قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم ، گەرچە بىلوگ ئىشلىرىغا ئانچە پىشىشىق بولمىساممۇ ، ئۆزۈمگە تەۋە تۈرايىمدا ئۆزۈم بىلگەنچە بىجىرلاپ ، ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى نامايەن قىلىمەن ، بىلگەنلىرىمنى بىلوگداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن ، ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يازما يوللايمەن ، بىلوگ ئارىلايمەن ، ئىنكاس يازىمەن ......
ئەسلى تېىمىدىكى گەپكە كەلسەم ، ھەر كۈنى بىلوگىمغا كىرگەنلەر قانچىدۇ ؟ دەپ ، سېتاستىكىلىغۇچقا قارايمەن ، ئاندىن قوللىغۇچىلىرىم قانچىدۇ ؟ دەپ ، ئىنكاسلارغا قارايمەن . كۇندە 100گە يىقىن قەدىنىسىم بىلوگىمغا قەدەم باسىدۇ يۇ ، ئەمما ، كۆڭلىنى ، ئىنكاسىنى قالدۇرۇپ چىقىپ كېتىدىغانلار ئاز ، بەكمۇ ئاز .
بىلوگنى ئۆزۈم ئۈچۈن قۇرمىغاندىكىن ، دەپ ئۆزۇمنى بەزلەيمەن ، چۈنكى ، كىرگەنلەر ئاز-تولا نەپكە ئىرىشكەن بولسىلا ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئەمەسمۇ ؟
ئەمدى ، بىلوگدىكى قالدۇرغان كۆڭۈللەرگە قارىسام ، بەزىسىنىڭ ۋەزنى بەكمۇ ئىغىر ، ماڭا ئۆز مەسئۇلىيتىمنىڭ نەقەدەر ئىغىرلىقىنى ، نېمە ئىش قىلىشىم كىرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپلا تۇرىدۇ ، چۈنكى ، بۇنداق كۆڭۈل «تەيشەن تىغى»دىنمۇ قەدىرلىك ماڭا ، يەنە بەزى كۆڭۈللەر بار ، «دېۋان...دېۋان»دېگەندىن باشقا ئەمەس ياكى پەقەتلا چىراي ئىپادىسى ، يا يازغان يازمام بىلەن پەقەتلا باغلىنىشلىقى يوق ، يا يازمىغا قارىتا شەخسى كۆز قاراش ۋە پىكىرنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ ، بىلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابى رولمۇ ئوينىيالمايدۇ ، پەقەت ، بىلوگقا كىرگەنلىكنىڭ پەقەتلا بىر نىشانى ، خالاس ! بۇ خۇددى ، مېنىڭ كۆڭلۈم «ھاڭگىرت پېيى»ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە سېلىش ئۈچۈندەكلا .......
شۇنىڭ بىلەن ، مۇشۇ يازمىلىرىم يارىمىغانمىدۇ دەپ ، قىل ئۈستىدە تولغىنىمەن ياكى ياخشى يازمىلار نەدىدۇ ؟ دەپ كاللامنى ، ئۆزۈمگە تەۋە مۇھىتنى توختىماي قىدىرىمەن ، ئىزدىنىمەن ، قىممىتى بار دەپ يوللايمەن ، ئەمما ، ماڭا قالدرۇلغان قىممەتلىك كۆڭۈللەر ئازلا......
شۇنىڭ بىلەن «كۆۋرۈك»فىلىمىدىكى «ئاھ ، دوسىتلار خەيىر-خوش»ناخشىسىنى ئىچىمدە توۋلىغان پېتى ، تالغان كۆزلىرىمنى ئاسراش ۋە ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن سىرىتلارغا راۋان بولىمەن .......
ئادەم قانچە ئويلىنىپ ئىنكاس يازغانسىرى ، بارا-بارا تەپەككۈرى ئېچىلىپ ، يازمىغا قانداق باھا بىرىش ، نېمىنى يېزىش توغۇرلۇق ئۆزىنىمۇ تەربىيەلەپ چىقالايدىغان ، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كۆڭۈللىرى ئارقىلىق ، باشقىلارغا ئىلھام ۋە خۇشاللىق بىغىشلىيالايدىغان گەپكەن ، ھەم ئۆزىمۇ نەپكە ئىرىشىدىكەن ھەم باشقىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن ....
شۇڭا ، دوستۇم ، سىز كۆڭللىڭىزنى قەدىرلەشنى ھەم ئۇنى قانداق قىلىپ «ئۇلۇغ كۆڭۈل»لەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئۆگىنىڭ ، كۆڭلىڭىز -سەمىمىيلىكىڭىزدە ، ئىجادچانلىقىڭىزدا ، تىرىشچانلىقىڭىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپسۇن ....!!!
شۇنداق . ئاشۇ كېچە ئۇخلىماي بىلوگ يازىدىغان قەدىردانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا - ئىنكاس!
دېمەك ، «بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل»......!!!

مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :13    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   13   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئىنتىزار مېنىستىر

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىقىنداىن بىرى ئالدىراشچىلىقتا ھەقىقەتەن كىرىپ بۇلامىدىم شۇ سەۋاەپ كەچۈرۈم سورايمەن مۇئەللىم .ھەممە بىلوگدا بار بۇ ئىش تېخى مەن ئىنتايىن ئاز تېمىنى ھەقلىق قىلىپ قۇيسام غودۇراپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئارقا بەتتىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ ھەيھات دەپ قالدۇ ئادەم بەزەن

      • avatar بىلىمنۇر مېنىستىر

        كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى دىېسە، ھەر بىر قىتىم زىيارەت قىلغىنىمدا ، بىردىن ئىنكاس يىزىشقا كونۇپكا تاختىسىغا بىر تالاي گەپ سۆزلەرني يېزىپ يوللاشنى باسماي ئۆچۈرۋىتىپ قايتىپ چىقىمەن دېسە……ھې ھې ئىنكاس يېزىش ئىستىكىم قوزغىلىۋاتىدۇ

        • avatar نۇرنىجات يېڭى مىھمان

          شۇ سىز بىر بېكەتنى قوللايدىغىنىڭىزنى ئىپادىلىمەكچى بولسىڭىز،ئېلان چەككەن بىلەن،دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرغان ئىش تاڭ ئاتمايدۇ!يەنىلا ئېرىنمەي ئىنكاس يېزىڭ!

          • avatar ئاقنۇر يېڭى مىھمان

            ھەجەپ ياخشى گەپلەرنى قىلىپسىز . كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپمۇ قاپتۇ . بۇنىمۇ چۈشەندۇق . بىز ھامان سىزنى قوللايمىز

              • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                @ئاقنۇر لېكىن ، قوللاش كۆپ سانلىقكەن ، مەن ئاخىرى بۇنى ھېس قىلدىم …..كۆڭلى يىرىم بولۇش ھەر بىر بىلوگگىرغا ئورتاق …….

              • avatar تورسودا نازىر

                ھەقىقەتەن ئىسىل يازما بوپتۇ….. :smile:

                • avatar ئەلگە نەپ ھاكىم

                  ئەمدى چۈشەندىم :smile:

                  • avatar ئەلگە نەپ ھاكىم

                    مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىمغۇ :sad:

                      • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

                        @ئەلگە نەپ چۈنكى ، سىزنىڭ ئوقۇۋاتقىنىڭىز بەلكىم «پادىشاھنىڭ يىڭى يازمىسى»(پادىشاھنىڭ يىڭى كېيىمى دېگەندەك) بولسا كىرەك ، پادىشاھنىڭ يىڭى كېيىمىنى دۆتلەر كۆرەلمىگەنگە ئوخشاش ، پادىشاھنىڭ يىڭى يازمىسىنىمۇ دۆتلەر كۆرەلمىسە كىرەك …..بۇ دېگىنىم سىز ئەمەس ، سىز يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ بىقىڭ ، بولمىسا ، يەنە كۆرەلمىسىڭىز -شەكسىزكى سىز دۆتلەردىن بولۇپ قالىسىز …….

                      • avatar ئېقىن يېڭى مىھمان

                        ۋوۋ مەندكلەگە تەگدى بۇ گەپلەر :!: ، كۈندە ھەزرەتكە ،تورخۇمارغا،مۇئەللىمگە كىرمەن دە بىر تالاي ماتېرىيال چۈشۈرۈپ ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىپ چىقىپ كېتىمەن دىۋان بولسا بەزىدە ئولتۇرۇپمۇ قويدىكەنمەن،لېكىن «بىر ئىنكاس بىر كۆڭۈل!» ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنى قاتتىق ئىسلاھ قىلىپ يېڭى يازمىلار ئۈچۈن تۆھپە قوشمىسام :oops: ئېلاندىن نەچچىنى كۈچەپ دەسىۋەتمىسەم :mrgreen: :mrgreen:

                          • avatar yalkun213 يېڭى مىھمان

                            @ئېقىن سىزگىلا ئەمەس ماڭىمۇ تەگدى بۇگەپ!
                            بىريىرىمگە بىرنىمە سانجىۋەتكەندەكلە ئوقۇدۇم بۇتېمىنى….. :mrgreen: :razz:

                            لىكىن ئەمدى مەنمۇ قاتتىق ئۆزگەرتەي .. بۇ زادى بىر يامان ئادەت بوپقالغان ماڭىمۇ……

                              • avatar ئىقبال بېكەت باشلىقى

                                @yalkun213 ئەمەلىيەتتە بۇ تەگكۈدەك گەپمۇ ئەمەس ،ھەقىقەتەن يۈرەكتىن چىققان گەپ . بىر بىلوگگىرغا ئىلھام-مەدەت دەل ئوقۇرمەننىڭ باھاسىدىن كېلىدۇ . بىلوگ مۇنبەرگە ئوخشاش باھا يېزش زورلاشچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ ،ئەمما ھىچبىر بىلوگگىر بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتمەيدۇ .بۇ دەل ئۆزىگە ياقمىغاننى ئۆزگىگە زورلاشنى خالىمىغانلىقتۇر ،خالاس……

                            • avatar ئۇيغۇربەگ يېڭى مىھمان

                              ئېسىل پىكىر!