قوزغىلىشچان بارماق دىسكا ياساش

-:بۇ يىل كومپىيۇتىرغا سېستىما قاچىلاشتا ، قايسى خىل ئۇسۇل ئەڭ مودا؟

-:بارماق دىسكا ئارقلىق سېستىما قاچىلاش......

-:بارماق دىسكا ئارقىلىقمۇ كومپىيۇتىرغا سېستىما قاچىلاشقا بولامدۇ؟

-:ئەلۋەتتە.

-:بارماق دىسكا ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا سېستىمىنى قانداق قاچىلايمىز؟

-:ئالدى بىلەن بارماق دىسكىڭىز "قوزغىلىشچان بارماق دىسكا"بولۇشى كىرەك .

-:قوزغىلىشچان بارماق دىسكىنى قانداق ياسايمىز؟

-:ئالدىرىماڭ ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدە بولسۇن .

ياساش ئۇسۇلى

1) ئالدى بىلەن بارماق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى كومپىيۇتىرىڭىزغا زاپاسلىۋىلىڭ (كۆچۈرۋىلىڭ) ، بۇ جەرياندا بارماق دىسكىدىكى ئۇچۇرلار يوقايدىغان بولغاچقا ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ .

2) قوزغىلىشچان بارماق دىسكا ياساش پىرۇگىراممىسىنى چۈشۈرۈپ ، كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاڭ .

3)تاكى "مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى"دېگەن ئۇچۇر كۆرۇنمىگىچە ، باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلماڭ .

رەسىم ھۆججىتىگە قاراڭ:

قوزغىلىشچان بارماق دىسكا ياساش

شۇنداق قىلىپ ، يۇقىرقى ئادرىستىن قوزغىلىشچان بارماق دېسكا ياساش پىرۇگىراممىسىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئىجرا قىلسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنۈش چىقىدۇ ، سىز پەقەت ، بارماق دېسكىڭىزنى چېتىپ قويۇپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن مەشغۇلات بويىچە ئىش كورسىڭىز ، قالغىنى ئاپتۇماتىك تاماملىنىدۇ .....

ماتېرىيال چۈشۈرۈش

广告也精彩
مۇئەللىم
HotNews Pro ئۇسلۇبى
Wordpress رەسىم  ئۇسلۇبى : qanat
ۋوردپرس ئۇسلۇبى : Gulchi
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Ality

باھا يوللايمەن

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen:

نۆۋەتتە :6    باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى :   6   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :   0 پارچە

    • avatar ئەلپىدا يېڭى مىھمان

      زاماندىن ساق بىر يىل كەينىدە قالدىممۇ -نېمە ؟ بارماق دېسكىدا سېستىما قاچىلاش مەسلىسىگە ئەمدى دۈچ كەپتىمەن …

        • avatar مۇئەللىم بېكەت باشلىقى

          @ئەلپىدا تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم ، ئىش-ئوقەتلىرىڭىز جايىدا بولسا ، قالدى ئىشلار مۇھىم ئەمەس ، بۇنى زاماننىڭ كەينىدە قالدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ ، ھە راس ، بوشلۇقىنىڭ ۋاقتى توشقان چىغى ، بىلوگىڭىز توختىدى …..

        • avatar تورسودا نازىر

          ئوپتىك دىسكىسى ئىشلىمەيدىغان ئەبجەق كومپۇتىرلارنىمۇ مۇشۇنىڭدا بىر تەرەپ قىلسا بەك ياخشى…

          • avatar تورسودا نازىر

            ساز نەرسە جۇما بۇ…..مەن دائىم شۇنى ئىشلىتىمەن :smile:

            • avatar مەدىكار ۋالىي

              مەن بىر يولداشنىڭ بارماق دىسكىسىغاxp قاچىلىۋالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.ئۇ بارماق دىسكىنى كومپىيوتېرغا چاتسا مېنىڭ كومپىيوتېرىمنىڭ ئوپتىك دىسكا رايونىدا بىر مەۋھۇم دىسكا رايونى كۆرۈنىدىكەن.ئۇنىڭ يېنىدا بارماق دىسكا كۆرۈنىدىكەن.مەۋھۇم دىسكا رايونىدىكى سېستىما ھۆججىتىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن،بارماق دىسكىدىكى نەرسىلەرمۇ يوقاپ كەتمەيدىكەن،خالىغانچە ئىشلىتىدىكەنتۇق.سوراي دېگەنتىم،بىراق سورىغىم كەلمىگەنتى.گېپىمنى چۈشىنىشلىك دېيەلىگەندىمەنمۇ؟….

                • avatar چاقماق ھاكىم

                  @مەدىكار بەلكىم مۇشۇ micro winpe بۇلىشى مۇمكىن مەن بۇرۇن بىرسىنى كۆرگەن ئۇنىڭ سىغىمى چوڭراق ئىدى كومپىيوتېرنىڭ سىنكارتىسىنى ئاۋاز كارتىسىنى تۇنۇيدىكەن كىنو كۆرگىلى ناخشا ئاڭلىغىلى تورغا چىققىلى بۇلىدىكەن ،سىز بەلكىم مۇشۇ خىلدىكىنى كۆرگەن ئوخشايسىز.